ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى سۆھبەت يىغىنى»دا شەرقىي تۈركىستان ...

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-27 17:22:04 جەمئى 2377 قېتىم ئوقۇلغان.

«ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى سۆھبەت يىغىنى»دا شەرقىي تۈركىستان ...

«ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى سۆھبەت يىغىنى»دا شەرقىي تۈركىستان ... 
27-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ سىۋاستا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرىي، 

ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتكىن ۋەقڧى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان ۋەقڧىدىن ئابدۇللا ئوغۇز قاتارلىقلار «تارىختىن ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بېرى ئىزچىل باستۇرۇشقا ئۇچراپ كەلگەنلىكى، خەلقنىڭ ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خەلقنى ئۆيلىرىدىمۇ نازارەت قىلغانلىقى، ئاتا-ئانىسى لاگېرغا قامالغان بالىلارنى ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرىدىن ئايرىپ، بالىلار لاگېرلىرىدا خىتاي قىلىپ تەربىيەلەشكە باشلىغانلىقى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ