ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئائىلە شەجەرىسى يېزىپ قويۇش ھەققىدە مەسلىھەت

ئائىلە شەجەرىسى يېزىپ قويۇش ھەققىدە مەسلىھەت

ئالماس ھاجى

ئائىلە شەجەرىسى يېزىش مەسىلىسى خېلى يىللاردىن بېرى دىققەت-ئېتىبارىمىزنى تارتىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان ماقالىلەر يېزىلدى، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلدى. مەن بۇ يازمىدا ئۇلارنى تەكرارلىمايمەن، پەقەت ھاياتىمىزدا شەجەرە يېزىشنىڭ ھەربىر كىشىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.

مۇستەملىكە ئاسارەتلىرى بىزنى تارىخىمىزنى بىلمەيدىغان، ئائىلە شەجەرىمىزنى بىلمەيدىغان، كىملىكىمىزگە ئېتىبار بەرمەي ياشايدىغان ئىللەتلەرگە ئىگە قىلدى. تارىخنى بىلمەي، تارىختىن ئىبرەت ئالمىغانلار، ساۋاق ئالمىغانلار، ئەقىل تاپمىغانلار تارىخىي خاتالىقلارنى تەكرارلايدۇ. نەسەبىنى، كىملىكىنى بىلمىسە، قېرىنداشلىق مېھرىگە، يۇرت مېھرىگە، ۋەتەن مۇھەببىتىگە قانمايدۇ. ئۇ ھالدا مىللىي روھى تولۇق يېتىلمەيدۇ. ۋەتەن دېسە كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسى، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتى، مەھەللىسى، مېھرى ئىسسىق ئۆيى، قېرىنداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قوشنا-قولۇملىرى كىلىدۇ. ئۆزىگە تونۇش چىرايلار، تونۇش مەنزىرە، تونۇش كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالسا، تونۇمىسا، ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ. ھېچنىمە كۆرۈنمىسە نېمە بولىدۇ؟ كۆرۈنمىگەن نەرسىگە ئىنكاس، ھېسسىيات بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە شەجەرىسىنى يېزىپ قالدۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈردۇر.

چوڭلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتۈپ، ھايات ياشاۋاتقانلىرىمىز زۇلۇم ۋە مۈشكۈلچىلىكلەر تۈپەيلىدىن يۇرتنى تەرك ئېتىپ، ھەر يەرلەرگە كېتىپتۇق. تەكتىمىزنى سۈرۈشتۈرگۈدەك يۇرت-ماكان، شارائىتمۇ يوق. گويا ئەجدادلىرىمىزنى ئۇنتۇش يولى باشلانغاندەك.

تارىخنى بىلمەسلىك، ئەجدادلىرىنى بىلمەسلىك، تارىخىي تەجىرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەسلىك بىزدىكى چوڭ ئەيىب. شۇ ئەيىبلىرىمىز تۈپەيلى بېشىمىزغا نېمىلەر كەلمىدى؟! بىز كىم ئىدۇق؟ كىم بولدۇق؟ كىم بولماقچى ئىدۇق؟ بۇ ھەقتە ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇشقا، يەتكۈزۈشكە تېگىشلىكلەرنى مۇشۇنداق يازمىلار ئارقىلىق يېزىپ قالدۇرۇشىمىز، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم ئىكەن. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، شەجەرىنى پەقەت ئائىلىۋى مۇناسىۋەت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇشقىلا قاراتماستىن، بەلكى ئۇلار ياشىغان دەۋر ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، كەچۈرمىشلىرى، ھاياتقا بولغان كۆزقاراشلىرى، ئىستەكلىرى، ئارمانلىرى، نەتىجىلىرى، تەجرىبە-ساۋاقلىرى توغرىسىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر يېزىپ قويۇلسا، تېخىمۇ ياخشى، ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.

تۆۋەندە ئائىلە شەجەرىسى يېزىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتىمەن:

1-ماۋزۇ «مۇقەددىمە»(دەسلەپكى سۆز). بۇنىڭدا ئائىلە شەجەرىسى يېزىۋاتقان كىشى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشى، مەقسەت، تەلەپلىرىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

2-ماۋزۇ «بىزنىڭ يۇرتىمىز». بۇنىڭدا يۇرتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، شارائىتى، ئەۋزەللىكى، تارىخىي، يۇرتداشلىرىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى يېزىلىدۇ.

3-ماۋزۇ «دادامنىڭ ئەجداتلىرى». بۇنىڭدا دادىسى ۋە دادىسىنىڭ ئەجدادى تونۇشتۇرۇلىدۇ. قانچە يىراقنى بىلسە، شۇنىڭدىن باشلىسا بولىدۇ. كىچىك ماۋزۇ قويۇپ، «چوڭ دادا تەرەپ» ۋە «چوڭ ئانا تەرەپ» دەپ ئايرىم-ئايرىم يېزىلغىنى ياخشى.

4-ماۋزۇ «ئانامنىڭ ئەجداتلىرى». بۇنىڭدا ئانسى ۋە ئانىسىنىڭ ئەجداتلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ. بىلگىنىدىن باشلىسا بولىدۇ، كىچىك ماۋزۇ قويۇپ ، چوڭ دادا تەرەپ ۋە چوڭ ئانا تەرەپ دەپ ئايرىم-ئايرىم يېزىلغىنى ياخشى.

5-ماۋزۇ «دادامنىڭ قېرىنداشلىرى». بۇنىڭدا دادىسىنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ھەربىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ. (ئىسمى، سالاھىيىتى، تۇغۇلغان ئورنى، ۋاقتى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىدۇ)

6-ماۋزۇ «ئانامنىڭ قېرىنداشلىرى». بۇنىڭدا ئانىسىنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ھەربىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ. (ئىسمى، سالاھىيىتى، تۇغۇلغان ئورنى، ۋاقتى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىدۇ)

7-ماۋزۇ «دادامنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى». بۇنىڭدا دادىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ . ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ بالىلىرىغىچە يېزىلغىنى ياخشى. چۈنكى ئائىلە شەجەرىسى ئۆتكەنلەرنى ئىزاھلاش بىلەن ئۆتۈۋاتقان ۋە ئۆتىدىغانلارغا مۇناسىۋەت تىكلەيدۇ.

8-ماۋزۇ «ئانامنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى». بۇنىڭدا ئانىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يۇقىرىقىغا ئوخشاش تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ.

9-ماۋزۇ «پالانچى ئائىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى». بۇ ماۋزۇدا دادىسى ۋە ئانىسى بىرقەدەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: تۇغۇلغان جايى، ۋاقتى، ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئائىلە ۋە مەھەللە مۇھىتى، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت تارىخى، ئائىلە قۇرغان ۋاقتى قاتارلىقلار. يەنە ئاتا-ئانىسىغا مۇناسىۋەتلىك، خاتىرىلەپ قويۇشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان تەرەپلەرنى يازسا بولىدۇ.

10-ماۋزۇ «پالانچى ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتلىرى». بۇ ماۋزۇدا مۇشۇ ئائىلىنىڭ قانچە پەرزەنتلىك بولغانلىقى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن كىچىك ماۋزۇلار ئاستىدا «پالانچىنىڭ ئائىلىسى»دەپ ماۋزۇ قويۇپ، ھەربىر پەرزەنتنىڭ ئائىلىسى تەپسىلىي يېزىلىدۇ. ئۆزىنىڭ، ئايالىنىڭ، بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان ئورنى، ۋاقتى، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت تارىخى، تۇرمۇش قۇرغان ۋاقتى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلار. بۇنىڭغا قوشۇپ شۇ ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەپسىلاتلارنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېقىشلىق مىجەز-خاراكتېرلىرىنىمۇ يېزىپ قويغان ياخشى. بۇ كېيىنكىلەرگە ئۆرنەك بولىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىمۇ يېقىملىق ھېس قىلىدۇ.

11-ماۋزۇ «ئاخىرقى سۆز». ئائىلە شەجەرىسىنى يېزىپ بولغان كىشىنىڭ كۆڭلىدە ئاخىرىدا دەيدىغان بىر گېپى قالغاندەك بولىدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ شۇ گەپلىرىنى يېزىپ بولۇپ، بىر چوڭقۇر نەپەس ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەزىپە ئاخىرلىشىدۇ. تۆۋەندە «ئاخىرقى سۆز»دىن بىر ئۆرنەك كۆرسىتىمەن:

«يېزىۋاتقىنىم بۇ شەجەرىنىڭ ئاخىرقى سەھىپىسى ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ داۋاملىشىدىغان سەھىپە، تۈگىمەس قۇرلاردۇر. بۇ قۇرلاردا ئائىلىمىزنىڭ يىلتىزلىرى، غوللىرى، شاخلىرى، ياپراقلىرى ئەكس ئېتىدۇ. بۇ قۇرلاردا ئۇزۇن بىر ھايات يولى ۋە بۇ يول بويلاپ قىلىنغان سەپەردىكى غەم-قايغۇلىرىمىز، كۆز ياشلىرىمىز، كۈلكە-شاتلىقىمىز، ئۈمىد-ئارزۇلىرىمىز ۋە ئارمانلىرىمىزمۇ ئەكس ئېتىدۇ. بۇ ئائىلە شەجەرىسى بولغانلىغى ئۈچۈن، بۇ يولدىكى ھايات كۆرۈنۈشلىرىنى، ئۆتمۈشىمىزنى تولۇقى بىلەن يازالمىدىم. يېزىش جەريانىدا كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەنگەن ھايات كۆرۈنۈشلىرى بەزىدە كۆز ياشلىرىم بىلەن، بەزىدە سۆيۈنۈپ كۈلۈشلىرىم بىلەن ماڭا ھەمراھ بولدى.

 قېرىنداشلار بىر-بىرىگە كەڭ قورساق، ئەپۇچان، كۆيۈمچان بولۇشى لازىم. بۇ قېرىنداشلىق پەزىلىتىدۇر. قېرىنداشلارنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان ياخشىلىقلىرى، ياردەملىرى ۋە خىزمەتلىرىنىڭ بەدىلى بولمايدۇ، ھېساب-كىتاپ قىلىدىغان دەپتىرى بولمايدۇ. مانا بۇ قېرىنداشلىق بۇرچىدۇر. مەن شۇنداق قارايمەن ۋە شۇنداق قىلىشقا تىرىشتىم. قېرىنداشلىرىمنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى يېزىش جەريانىدا بۇلارغا تۈزۈكرەك بىر ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم، قېرىنداشلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم. «قانچىسىنى خاپا قىلىپ، قانچىسىنى رەنجىتىپ قويغاندىمەن» دېگەن خىياللار كاللامدىن ئۆتتى. ئەۋۋىلى ئاللاھ، ئۆزۈڭ كەچۈرگەيسەن! بۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇمى بىزنى ۋەتەندىن، قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىۋەتتى. بىزنى ئۆزئارا ئالاقە قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئاللاھ ئاۋازىمنى سىلەرگە يەتكۈزسۇن، قېرىنداشلىرىم، مىنى كەچۈرۈڭلار، مەندىن رازى بولۇڭلار!»

يۇقىرىدىكىلەر ئائىلە شەجەرىسى يېزىشنىڭ ئاددىي نۇسخىسى. بۇنى يەنە ئاددىيلاشتۇرۇشقا ياكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قوشۇشقا بولىدۇ . ئەگەر ئىمكانىيىتى يار بەرسە، ھەربىر ماۋزۇغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى قىستۇرما قىلىش زۆرۈر. بۇنداق قىلسا تېخىمۇ ياخشى، مۇكەممەل بولىدۇ.

ئائىلە شەجەرىسىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، گىرافىك شەكىلدە ئىشلەپ كۆرسەتكىلى ياكى دەرەخ شەكلىدە رەسىملىك ھالەتكە كىرگۈزۈپ تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەرنى يازمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلسا تېخىمۇ ئېسىل بولىدۇ.

 

 ئىستانبۇل  2019.04.19


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ