ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئازابقا باش ئەگمىگەن خەلق ماددىي مەنپەئەتكە باش ئېگەرمۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-04 13:46:18 جەمئى 499 قېتىم ئوقۇلغان.

ئازابقا باش ئەگمىگەن خەلق ماددىي مەنپەئەتكە باش ئېگەرمۇ؟

ئازابقا باش ئەگمىگەن خەلق ماددىي مەنپەئەتكە باش ئېگەرمۇ؟
ئۆز خەۋىرىمىز: 3-ماي ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى ھەققىدە مەركىزىمىزگە ئۇچۇر يوللىغان بىر قېرىندىشىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئازاب ۋە قىيناشلارغا باش ئەگمىگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماددىي مەنپەئەت ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسيە قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» خىتايلارنىڭ ئايدا بىر ھەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ماراقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماددىي مەنپەئەت بىلەن ئالداپ، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، يېقىندا  بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ لاگېردىن ئۆيىگە كېلىپ-كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۇغقانلار ھەر ئايدا بىر ھەپتە ئۆيىمىزدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ قوشنا كەنتتە ئىككى ئۇيغۇر بالا خىتاي بىلەن توي قىلدى. خىتاي بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ۋە ئۆي بېرىۋاتىدۇ. يېقىندا بىر بالا تۇغاي دەپ قالغان خىتاي بىلەن توي قىلدى. ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى تەپتارتماي ‹خىتاي بىلەن توي قىلساق بولغۇدەك› دېيىشكە باشلىدى. توينى كەنت كادىرلىرى قىلىپ بېرىدۇ، تويدا نىكاھ ئوقۇلمايدۇ. سىرتتا نىكاھ ئوقۇيالىغۇدەك ئادەممۇ يوق. بولغان تەقدىردىمۇ نەچچە يىل تۈرمىگە تاشلىشىدىن قورقۇپ ئوقۇيالمايدۇ. ئىككى يىل ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلار ئۆزگىرىپ كەتتى».


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ