ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاق پارتىيەنىڭ غەلبە قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان ئەھمىيىتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-11-03 15:47:10 جەمئى 7747 قېتىم ئوقۇلغان.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى تۈركىيە پارلامېنت سايلىمىدا كۆپ سانلىق ئاۋاز ئېرىشتى

تۈركىيەدە 13 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى يەنى ئاق پارتىيە بۇ يىل 1- نويابېر ئۆتكۈزۈلگەن 26- نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا 49.48% ئاۋاز بىلەن پارلامېنتتا 317 ئورۇنغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرالايدۇ.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سايلامغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى شۇنداقلا ئاق پارتىيەنىڭ سايلىنىپ چىقىشىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاغا ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان تەسىرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە، مەركىزى ئىستانبۇلدا بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيە خەلقى، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن تارتىپ يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرىدىن باشلاپلا تۈركىيە سىياسىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كەڭ يېيىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەكىسچە ھۆكۈمەت ئاجىز بولسا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى، مەلۇم بىر سىياسىي پارتىيىگىلا ئەگەشمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، تۈركىيەگە ئىلگىرى كەلگەن ئۇيغۇرلار مەلۇم بىر قىسىم پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىتىگە ئەگىشىپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردا كەلگەن ئۇيغۇرلار بولسا، ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، سائادەت پارتىيىسى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇنداق بولۇشىدا، ئالدى بىلەن بۇ پارتىيەلەر قۇرۇلۇشىدىلا ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان. ئىككىنچىدىن، ئاق پارتىيەنىڭ تۈركىيەدە كۈچلۈك ئاساسى بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن 13 يىلدىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۈچەيگەن. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان 90- يىللارنىڭ ئاخرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئاق پارتىيە كەلگەندىن بۇيان بۇ چەكلىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۈچىنچىدىن، ئاق پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلىدە تۈركىيەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن 7 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇرغا تۈركىيە نوپۇسى بەرگەن. بۇنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تۈركىيەدە چەكلەنگەن مەزگىللەردە، تۈركىيەدە ئۈچ پارتىيە ھەمكارلىشىپ ھۆكۈمەت قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىللەتچى پارتىيىمۇ بار ئىكەن. شۇنداق تۇرۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چەكلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن تۈركىيەدە كۈچلۈك سىياسىي پارتىيە، كۈچلۈك ھۆكۈمەتنىڭ بولۇشى مۇھىم ئىكەن.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئاق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئاق پارتىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقانلىرىدا ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت ۋە نوپۇس بېرىدىغانلىقىغا دائىر ئىشارەتلەرنى بەرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 7- ئىيۇن ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، ھېچقايسى پارتىيە مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەي ۋاقتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ئىدى. ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، ئاجىز بىر ۋاقتلىق ھۆكۈمەت مەزگىلىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈمىدى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي زىيارىتىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا پايدىسىز بايانلارنى بەرگەنلىكىنى. ئاق پارتىيە مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان پايدىسىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا، ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت تەپسىلاتىنى ئىستىقلال رادىيويىمىزدىن ئاڭلىيالايسىلەر.

ئاۋاز ئۇلىنىشى:

http://www.istiqlal.net/radio/24.html


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ