ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكىنى خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-30 12:58:58 جەمئى 620 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكىنى خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكىنى خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
تەيۋەن خەلق گېزىتىنىڭ 29-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان.
خەۋەردە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلات ئېلان قىلغانلىقى، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ يىل دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۈنچىلىق قىلىش جەھەتتە يەنىلا 1‏-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىك بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە باغلاپ، خىتايدىكى دىنىي كىملىكىنى، تىلىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان مىللەتلەرگە ياردەم بېرىشكە، خىتايدىكى دىنىي ئېتىقادى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئامما ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئارخىپلاشتۇرۇشقا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشىغا قارشى نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە، ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشقا ئوخشاش دىپلوماتىك تەدبىرلەر بىلەن ئەمەلىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ