ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا پارلامېنتى: خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-12 16:58:56 جەمئى 1286 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى: خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پارلامېنتى: خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
11- ئۆكتەبىر دوۋېي خەۋەرلەر تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى سەۋەبلىك خەلقئارا ئولېمپىك (IOC) كومىتېتىغا 2022- يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتاينىڭ ساھىبخانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلغان.
ئولومپىك كومىتېتى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ ، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن بىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى ئېغىرلىشىپ بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغانلىقى، خىتاي ئۇلارنى خورلىغانلىقى ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، بۇ مەسىلە ئككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بېرى مەلۇم مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قارىتىلغان ئەڭ ئېغىر باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ قىلىمىشى ئىنسانىيەتكە قارىشى قىلمىشقا چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ جازالاشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەكلىپىنى بەرگەن.
تەكلىپ لايىھىسىگە قاتناشقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى(Chris Smith)بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، «خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوبۇل قىلىشمۇ بىر خىل خاتالىق » دېگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ