ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا :جازا لاگېرىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ئۈچ مىليون

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-04 14:43:39 جەمئى 986 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا :جازا لاگېرىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ئۈچ مىليون

ئامېرىكا :جازا لاگېرىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ئۈچ مىليون  
مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى خەۋىرى: 3-ماي ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان خەلقنى جازا لاگېرىغا قامىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى خىتايغا قىلغان ئەڭ قاتتىق تەنقىدلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ياردەمچى مىنىستىرى راندال شىرىۋېرنىڭ بۇ تەنقىدى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن بولۇپ، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى ئىزچىل ھالدا رادىكاللىققا قارشى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى.
شىرىۋېر نېمە ئۈچۈن ناتسىست گېرمانىيەگە ئىشلىتىلىدىغان «جازا لاگېرى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنلىكىنى سورىغان مۇخبىرلارغا جاۋاب بېرىپ: «ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ ئاز بولغاندا بىر مىليون كىشى جازا لاگېرىغا قامالغان، بۇلار ھەتتا ئۈچ مىليونغا يېتىشى مۇمكىن. جازا لاگېرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، خىتاينىڭ مەقسەت-نىشانلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرى بۇ سۆزنى ئىشلىتىشىمىزنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ھازىرچە بۇ ھەقتە دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ