ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ تىپتىكى نامايىشتا خىتاينىڭ جىنايىتى پاش قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-09 19:24:17 جەمئى 697 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ تىپتىكى نامايىشتا خىتاينىڭ جىنايىتى پاش قىلىندى

ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ تىپتىكى نامايىشتا خىتاينىڭ جىنايىتى پاش قىلىندى

6 - ئاپرېل شەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورون شەھىرىدە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە ۋىكتورىيە ئىسلام بىرلىكىنىڭ بىرلىكتە ئويۇشتۇرۇشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

پائالىيەت مېلبورۇن شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ ئاۋات جاي بولغان دۆلەتلىك كۈتۈپخانا ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشقا ئادالايد، سېدنى ۋە مېلبوروندىن بولۇپ 500 دىن كۆپ كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت ناھايىتى جانلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 21 - ئەسىردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھىشى قىرغىنچىلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىلەپ بېرىلىشى يالغۇز مەيدانغا يىغىلغان مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس بەلكى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ۋە بەستە بەستە ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركسىتان ئاۋسترالىيە جەمئىيتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باياناتچىسى ئابدۇسسالام ئالىم، ۋىكتورىيە ئىسلام بىرلىكى رەئىسى، مۇۋئاىن رەئىسى، باش كاتىپى ۋە ئاياللار خىزمىتى مەسئۇلى ئايرىم ئايرىم سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ زۇلۇمغا توختا دېيىش كېرەكلىكى جانلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ