ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلمەكتە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-13 15:42:01 جەمئى 1362 قېتىم ئوقۇلغان.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلمەكتە

ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلمەكتە
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 11-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، كادىرلار مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتايلارنى پىلانلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ناھىيىلىرىگە بېرىشقا سەپەرۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقى، بۇ يىللىق پىلان 4000 نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى، تىزىملاش ۋاقتىنىڭ 6-ئايغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ئىشلەشنى تاللىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، ياتاق، تاماق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئىگىلىنىشچە، خىتاي 2017-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئاشقان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ