ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئومۇمىي چاقىرىق!

ئومۇمىي چاقىرىق!

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزگە ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەت تۈركىيە جۇمھۇرىيتى دۆلىتى بولدى ھەم بولماقتا.

پۈتۈن دۇنيادىكى مەزلۇملارغا قۇچاق ئاچقاندەك يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئاچقان ، ئۆزى شۇنچە مۇشەققەتلەر دۈشمەنلىكلەر ئارىسىدا بولسىمۇ قېرىنداشلىرىنى باغرىغا باسماقتا.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتى رەئىسى ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،2019-3ئاينىڭ 12-كۈنى سەيشەنبە چۈش كېيىن سائەت 1:00 دە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفا كۆي رايونىغا قەدەم تەشرىپ قىلماقچى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىستانبۇلدىكى پۈتۈن خەلقىمىزنى بۇ يىغىلىشقا ئالاھىدە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا چاقىردى.

 شۇنداقلا بۇ يىغىلىشقا ھەممەيلەننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ۋە ئائىلىسىدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالەتتە قاتنىشىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلدى. 

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

ئالاقىلاشقۇچى: نېمەتۇللاھ ئەزىز ئوغلى

ئالاقىلىشىش نومۇرى:

05355996393

يىغىلىش ئورنى ئىستانبۇل سەفاكۆي فەۋزى چاقماق مەيدانى يەنى شەنبە بازىرى ئۈستىدە

ۋاقتى:

2019 – يىل 03 – ئاينىڭ 12 – كۈنى

سەيشەنبە سائەت 13:00 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ