ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئون مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-05 11:29:20 جەمئى 785 قېتىم ئوقۇلغان.

ئون مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئون مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
زىمىستان تورىنىڭ 4-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدىن ئون مىڭغا يېقىن تۇتقۇننىڭ مەخپىي يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىدىن ئالدىنقى ئايدىلا ئون مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ مەخپىي يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى، بىراق ئۇلارنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنىڭ بىر سىر بولۇپ قالغانلىقى، ئالدىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك تۈرمە سېلىش، تۈرمىلەرنى كېڭەيتىش دولقۇنى قوزغىغانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىشىچە، ئۆتكەن ئالتە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 200 گە يېقىن تۈرمىنىڭ كېڭەيتىپ سېلىنغانلىقى، ئۇندىن باشقا 2018-يىلى 34 ئورۇندا تۈرمە سېلىنىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى زور كۆلەمدە كېڭەيتىپ سالغان تۈرمە ۋە لاگېرلار توشۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى، يۆتكەپ كېتىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئادەم تۇتۇپ سولاپ، باستۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ