ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىراق پىرېزىدېنتى تۈرك شىركەتلىرىنى ئىراققا مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-26 17:53:47 جەمئى 3230 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىراق پىرېزىدېنتى تۈرك شىركەتلىرىنى ئىراققا مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

 

26- ئاپرېل خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئىراق پىرېزىدېنتى مەرھەم سالىھ  تۈرك قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ  ئىراق قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.

 تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز، تۈركىيە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى بىرلىكى باشلىقى مىتھات يەنىگۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى باغدادتىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە كۈتىۋالغان ئىراق پىرېزىدېنتى مەرھەم سالىھ  بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئىراقنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، قۇرۇلۇش ۋە باشقا ساھەلەردە چوڭقۇر تەجرىبىگە ئىگە تۈرك شىركەتلىرىنى ئىراقنىڭ قۇرۇلۇشلارنى يېڭىلاش لايىھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە يەنە، باش ئەلچى يىلدىزمۇ، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئىراقتا چوڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا ۋە مەبلەغ سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى،  ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا تۈنۈگۈن «ئىراقنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈلۈش يولىدا تۈركىيە – ئىراق قۇرۇلۇش مۇنبىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلغانلىقى، يىغىنغا ئىراق سودا ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ھاشىم ئەلئەۋنى ۋە تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىدىن باشقا يەنە تۈركىيە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى بىرلىكى باشلىقى مىتھات يەنىگۈن بىلەن تۈركىيەلىك ۋە ئىراقلىق قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىرى قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ