ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىززىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا ئۆكسۈپ يىغلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-12 13:18:20 جەمئى 861 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىززىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا ئۆكسۈپ يىغلىدى

ئىززىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا ئۆكسۈپ يىغلىدى
زىمىستان تورىنىڭ 12-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېڭى سېلىنغان مەسجىدنى كۆز ئالدىدا چاققانلىقىغا چىدىمىغان تۇڭگان بوۋاي مەسجىد قورۇسىدا يېتىۋېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلىغان.
11-ئاپرېل خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونى چىياۋگې جۇۋاڭ كەنتىدىكى پۈتكىلى ئىككى ئاي بولغان بىر مەسجىدنىڭ گۈمبىزى ۋە تاقىلىرىنى ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي چوڭ كىران بىلەن چاققان، چېقىلغان مۇنادىن چۈشكەن كېسەكلەر مەسجىدنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى بۇزۇۋەتكەن. يەرلىك مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەسجىد چېقىشتىن ئىبارەت خورلۇققا چىدىمىغان بىر قانچە تۇڭگان بوۋاي مەسجىد قورۇسىدا يېتىۋېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى تارقاتقان بىر مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ھۆججەتتە بارلىق دىنىي سورۇنلارنى خىتايچە ئۇسلۇبتا ياساش، ئىسلامىي ئۇسلۇب ۋە ئەرەبچە ئۇسلۇبنى بىر تۇتاش ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكىتلەنگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەزكۇر مەسجىدنىڭ گۈمبىزى ۋە مۇنارىنى چېقىش قىلمىشىغا «مەسجىد سەئۇدى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان» دەپ باھانە كۆرسەتكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ