ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدا ئوسمان باتۇر شاھادىتىنىڭ 68 يىللىقى خاتىرلەندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-26 09:57:41 جەمئى 1327 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدا ئوسمان باتۇر شاھادىتىنىڭ 68 يىللىقى خاتىرلەندى

ئىستانبۇلدا ئوسمان باتۇر شاھادىتىنىڭ 68 يىللىقى خاتىرلەندى

25-ئاپرېل  ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى ئاقدېڭىز زالىدا  ئوسمان باتۇر شاھادىتىنىڭ 68 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى قازاق تۈركلىرى ۋەقڧى، قازاق تۈركلىرى ئىلىم ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى، خوجا ئەھمەت يېسېۋىي ۋەقڧى قاتارلىق تەشكىلاتلەر ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇردى.

پائالىيەت قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

پائالىيەتتە مىمار سىنان گۈزەل-سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروففېسسور، دوكتور ئابدۇلۋاھھاب قارا «قوراللىق سەپداشلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئوسمان باتۇر» تېمسىدا، دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىلار ئەزاسى، پىروففېسسور، دوكتور سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىي «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئوسمان باتۇرنىڭ ئورنى ۋە رولى» تېمىسدا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسدا، دوتسېنت دوكتور ئۆمەر قۇل «ئوسمان باتۇر كۈرىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى رولى» تېمىسدا لېكسىيە سۆزلىدى

پائالىيەتتە يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈر كىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان  ئىنسانى دەپسەندىچىلىكلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇلدى.

تەپسىلاتىنى ئىسىتىقلال تېلېۋېزىيەسى يۇتۇپ قانىلىدىن كۆرىۋالغايسىلەر.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ