ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-05 15:47:43 جەمئى 692 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى

ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى رەسىم  كۆرگەزمىسى باشلاندى
5-ئاپرىل بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
كۆرگەزمىدە بارىن شەھىدلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلۇش بىلەن بىرگە، خەلقىمىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرىدىغان سۈرەتلەر قويۇلدى ۋە تەشۋىقات راۋاقچىلىرى تارقىتىلدى. شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو، فىلىملەر كۆرسىتىلدى.
بۇ قېتىملىق سۈرەت ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى 5-ئاپرېلدىن 10-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پائالىيەت ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيىتىنى تۈركىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش، بۇ ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە مەۋجۇت كۈنتەرتىپنى ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە باشلاندى.
بۈگۈن ئەتىگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خادىملىرى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونلىرىدىن بىرى بولغان ساراچخانە باغچىسىدىكى كۆرگەزمە مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، كۆرگەزمە مەيدانىنى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بىلەن زىيارەتكە تەييار قىلدى.
ئەتىگەن سائەت ئوندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، سابىق خەلق ۋەكىلى جالال ئەرباي ۋە ئى ھ ھ (IHH) مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ھەممەيلەن سۆزلىرىدە بارىن شەھىدلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىي باستۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىر قايسى ئەھۋالدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەيداندىكىلەرگە ۋە ئاخبارات ۋاسىتلىرىغا مەلۇمات بەردى.

پائالىيەتتە يەنە، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى پىدائىيلىرى پائالىيەت مەيدانى ئەتراپىدا ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرى تارقاتتى.

بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ۋە سۈرەت كۆرگەزمىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
پائالىيەت ئورنى: ئىستانبۇل فاتىھ رايونى ساراچخانە باغچىسى مەيدانى (ئىستانبۇل بەلەدىيەسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا)


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ