ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدىكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار رۈشەنلەشمەكتە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-01-05 12:05:47 جەمئى 2034 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدىكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار رۈشەنلەشمەكتە

ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى قانلىق ۋەقەنى پەيدا قىلغان ھوجۇمچىنىڭ كىملىكى، ئۇنى ھوجۇم يۈز بەرگەن يەرگە ئېلىپ كەلگەن تاكسى شوپۇرىنىڭ تېلېفۇن خاتىرىسىدىن مەلۇم بولدى.

ئىسلام دۆلىتىنىڭ  شەھەر ھوجۇمچىلرىدىن بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان «ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى» نامىدا مەخپى ئىسمى بولغان تېرورچىنىڭ،  ھوجۇم قىلىش بۇيرىقىنى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەمىرى «خوجا ئاكا»دىن ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى ئىسىملىق بۇ تېرورچىنىڭ ئىككى ئاي ئىلگىرى سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان.

تاكسى شوپۇرىنىڭ تېلېفۇن خاتىرىىسىدىن مەلۇم بولىشىچە ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى ئىسىملىك تېرورچى ئىسلام دۆلتىنىڭ ئاتالمىش ئىستانبۇل ئەمىرى «خوجا ئاكا» ۋە ئۇنىڭ «تاجىكىستانلى يۈسۈف»نامىدا مەخپى ئىسمى بولغان يارىدەمچىسى بىلەن كۆرۈشكەن. ئەسلى ئىسمى ئىلياس موماشارىپوۋ بولغان «تاجىكىستانلىق يۈسۈف» بولسا قولغا ئېلىنغان.

ئىستانبۇل تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش شۆبىسى ۋە ئىستىخبارات ئەتىرىتى مۇناسىۋەتلىك 71 كامىرا خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تېرورچىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە 300 مىتىر ئەتراپىدا قالغاندا چۈشۈپ قالغان  34 TJT 14 نۇمۇرلۇق تاكسىنىڭ شوپۇرىنى تېپىپ چىققان. تاكسى شوپۇرىنىڭ بىلدۈرىشىچە،  شوپۇر بۇ تېرورچىنى زەيتىنبۇرنۇدىن ئېلىپ، ساھىل يولى ئارقىلىق نەق مەيدانغا كەلگەن، ھەمدە ئۇنى تاكسىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇ جايدىن قاچقان. شوپۇر تېرورچى ھەققىدە «ئۇ تۈركچىنى ياخشى بىلمەيدىكەن. مېنىڭ تېلېفۇنىمنى ئارىيەت ئېلىپ بىر ئىككى ئادەم بىلەن مەنمۇ چۈشەنمەيدىغان ئەرەپچىدەك بىر تىلدا سۆزلەشتى ۋە تېلېفۇنىمنى بەردى، نەق مەيدانغا 250-300 مېتىرچە قالغاندا تاكسى پۇلىنى بىرىپ تاكسىدىن چۈشۈپ قالدى. دىگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ساقچىلار ئېنىقلاش جەريانىدا تېرورچى تاكسى شوپۇرىنىڭ تېلېفۇنىدا كۆرۈشكەن ئىككى كىشىنىڭ بىرىنىڭ قازاقىستانلىق دائىشنىڭ  ئىستانبۇل ئەمىرى «خوجا ئاكا» ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ بولسا ئۇنىڭ يارىدەمچىسى «تاجىكىستانلىق يۈسۈف» دىيىلگەن ئىلياس موموشارىپوۋ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1- ئاينىڭ 3- كۈنى موموشارىپوۋ ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 7 كىشى قولغا ئېلىنغان، ۋە بۇ يەتتە كىشىدىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ يەنە تۆت  گۇماندار تۇتۇلغان.

ئىگەللەنگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە «ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ تېرورچىنىڭ 1988- يىلى تۇغۇلغانلىقى، ئىككى ئاي ئىلگىرى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرگەنلىكى ۋە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائىشنىڭ شەھەر ھوجۇمچىلىرى قاتارىغا قوشۇلغانلىقى، ئىستانبۇل باشاقشەھەر-كايا شەھىرىدىكى ئورنىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئايرىلغانلىقى، ھەمدە ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇنقى 48 سائەت ئىچىدە زەيتىنبۇرنۇدىكى قىرغىز يېقىنلىرىنىڭ يېنىدا بولغانلىقى مەلۇم بولغان.

ئۇندىن باشقا تېرورچىنىڭ  روسچە ۋە ئۆزبەكچىنى ئىنتايىن  پىششىق بىلگەندىن باشقا يەنە، ئەرەپچە ۋە تۈركچىمۇ سۆزلىشەلەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

تېرورچىنىڭ ھوجۇم قىلىش بۇيرىقىنى  تېرورلۇق تەشكىلاتى دائىشنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەمىرى «خوجا ئاكا» دىن ئالغانلىقى، ھەمدە ئۇنىڭ مەخپى بىر جاسۇسلۇق تەشكىلاتنىڭ كونتروللىقىدا ھەركەت ئېلىپ بارغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ