ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-08-20 11:20:57 جەمئى 9127 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

ئىنسانىيەت دۇنياسىدا يۈز بىرىۋاتقان زۇلۇملار ۋە ئىنسانلارنىڭ  كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا قىلىنىۋاتقان ئاياق ئاستى قىلىش ۋە دەپسەندىچىلىكلەر، ھەر تۈرلۈك شۇئارلار ئاستىدا مەيدانغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ زۇلۇملار ئىچكى-تاشقى ئامىللار، جۈملىدىن مىللەتچىلىك، دۇنياپەرەسلىك، دىنى ۋە ئىتىقادى سەۋەپلەر بىلەن مەيدانغا كەلدى. خۇسۇسەن ياۋرۇپادا «زۇلمەتلىك يىللار» دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئەسىردە توغرا ئەقىدە، ھەق دىن ۋە ئادالەتلىك قانۇن بولمىغانلىقىدىن بۇ زۇلۇملار چىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

مۇتەپەككۇر ۋە ئىسلاھاتچىلار پۈتۈن دۇنيادا، بولۇپمۇ ياۋرۇپادا بۇ زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىپ، ئىنسانلارنى كىشىلىك ھاياتتا ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىنى ئىتىراپ قىلىشقا چاقىردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خەلقئارادا تۈرلۈك «كىشىلىك ھوقۇق» تەشكىلاتلىرى قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلاتلار بەزىدە فاشسىت دۆلەتلىرىنىڭ كەتمىنىنى چاپسا، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرگە قارشى سىياسى كوزىرلىق رولىنى ئوينىدى. شۇڭا بىر قىسىم دۆلەتلەر بەزى چاغلاردا قۇلىقىنى ئىتىپ، كۆزىنى يۇمۇپ ئارىدىن يوق بولىدۇ.

مۇسۇلمانلاردا كەڭ دائىرلىك ئىسلامى ئاڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئارقىدا قالدى. كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە ئىسلامنىڭ ئاساسى قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. يات پىكىر ئېقىمى بېسىپ كىرىپ ياۋرۇپاچە قانۇنلار ئاساسى قانۇن قىلىپ بەلگۈلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دۇنياسى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر پاجىئەگە يۈزلىنىپ، زوراۋانلىق قارا بورانلىرىنىڭ شىددەتلىك ھوجۇمىغا ئۈچىرىدى. ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلى پوزتىسىيەسىنى بايان قىلىش ھەققىدە بەزى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. كۆپلىگەن ئىخلاسمەن ئىسلاھاتچى ئالىملار، دەۋەتچىلەر پۈتۈن دىققىتىنى ئىسلام دىنىدىكى ھوقۇقنى بايان قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنى خەلقئارالىق ۋاستىغا ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى. بۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىنى دەرىس پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈش قارار قىلىنىپ، دوكتۇر مۇھەممەد ئەززۇھەيلى «ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق» نامىلىق بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتى. ئابدۇلئەھەد ھاپىزنىڭ بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىپ كەڭ ئۇيغۇر كىتابخۇمار قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

بۇ كىتاب ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى»دا سېتىلىدۇ.

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 05387207030


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ