ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ يولسىزلىقىغا سۈكۈت قىلدى

ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ يولسىزلىقىغا سۈكۈت قىلدى
27-فېۋرال ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەجە رايونىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىندى.
پائالىيەتنى كۈچۈكچەجە رايونى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇنبىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇر پىدائىيلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن خىتاي تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىغان تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان خەلق «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.
پائالىيەتتە يازغۇچى ھەمزە ئەر خوجا خەلقئارادا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشقا، دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنى مۇسۇلمانلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
باياناتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە نەچچە مىليون خەلقنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئاساسەن بىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈن چىقارمىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ