ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆمەر بېكالى شىۋېتسىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدا گۇۋاھلىق بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-05 14:44:32 جەمئى 459 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۆمەر بېكالى شىۋېتسىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدا گۇۋاھلىق بەردى

ئۆمەر بېكالى شىۋېتسىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدا گۇۋاھلىق بەردى

4-ئاپرىل ئۆمەر بېكالى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International)نىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ مەركىزىدە لاگېردا كۆرگەن سەككىز ئايلىق ئېچىنىشلىق ھاياتىنى تونۇشتۇرغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تىرىك شاھىت ئۆمەر بېكالى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ھەيئەتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، شىۋېتسىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ سىتوكھولمدىكى مەركىزىدە ئۆزىنىڭ جازا لاگېرىدىكى كەچۈرمىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تىراگېدىيەلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ 2016-يىلى مارت ئېيىدا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن قازاقىستاندىن شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقىنى، ئويلىمىغان يەردىن بەش خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن قولىغا كويزا سېلىنىپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، تۇتۇلغاندىن كېيىن گۇناھسىز ھالەتتە سەككىز ئايلىق ھاياتىنى جازا لاگېرىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ زۇلۇمى، قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ھاقارەتلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ لاگېردا پۇت-قوللىرىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى يالىڭاچلاپ، قاتتىق سېمونت يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە سوغۇق سۇ چېچىپ، جىنسىي ئەزاسىغا سىم تىقىپ قىينايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەركۈنى 16 سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرغۇزىدىغانلىقىنى ۋە بىر خىل شاۋقۇن ئاۋاز قويۇپ بېرىپ، نېرۋىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى خىل نامەلۇم دورا يېگۈزىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇ دورىنى يەپ، ئىككى قېتىم ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، 16 كىۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيگە 50-60 كىشىنى سولايدىغانلىقىنى، ئۆزى ياتقان كامېردىن ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى، ھەركۈنى ئۈچ، تۆت كىشى ئېلىپ كېتىلىپ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئورنىغا باشقا ئادەملەرنىڭ كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ