ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆمەر بەك بېكالى خىتاينىڭ يولسىزلىقىغا چىداپ تۇرالماي تۆنۈگۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارىتىپ يەنە بىر چاقىرىق ئېلان قىلدى.

 

ئۆمەر بەك خىتايغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز؛ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى جازا لاگېرىدا بىگۇناھ يېتىپ چىققان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بەك تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قازاقىستان ۋە دۇنيا ئاخباراتلىرىغا خىتايلارنىڭ جازا لاگىرلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ خىتاينى رەزىل ھالەتكە چۈشۈرگەن ئىدى.

بۇ سەۋەبلىك قازاقىستاندىمۇ خاتىرجەم ياشىيالماي تۈركىيىگە كەلگەن ئۆمەرنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسىگە كېلىۋاتقان زۇلۇم يەنىلا توختىمىدى.

ئۆمەر بەك بېكالى خىتاينىڭ يولسىزلىقىغا چىداپ تۇرالماي تۆنۈگۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارىتىپ يەنە بىر چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭ چاقىرىقىدا مۇنۇلار يەر ئالدى: «مەن ئۆمەر بېكالى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مېنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىمنى تۈرمىدىن قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىمەن. مەن يەنە قايتىدىن ئاتالمىش قايتا تەربىيلەش مەركىزىگە كىرىشكە رازى. سەۋەبى مەن لاگېردا كۆرگەن زۇلۇم، جاپا-مۇشەققەتلەرنى 80 ياشلىق ئاتام، 70 ياشلىق ئانام، ئاكا-سىڭىللىرىم كۆرمىسە دەيمەن»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ