ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-14 10:14:17 جەمئى 804 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بولدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بولدى

13- ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان  ئۇيغۇر ئاكادېميىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بولغانلىقى ھەققىدە بايانات بەردى.

باياناتتا، چەتئەلدە ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئويۇشۇشى بىلەن تەشكىللىنىپ نۇرغۇن  ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن يۈكسىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى جەمىيىتى»  نىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بولۇش تەلىپى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىپ قوبۇل قىلىنغانلىقى، ئاللاھتىن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بىرىشنى تىلەيدىغانلىقى،  دۈشمەننىڭ ھەر قانداق ھىيلە- مىكىر، تۇزاق ۋە پىتنەلىرى شەرقي تۈركىستان خەلقىنىڭ  بىرلىكىنى بۇزۇشقا كۈچىنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئاللاھتىن مۇجادىلە يولىدا دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈل ۋە قايغۇلۇق ۋەزىيەتتە ئىككىلەنمەستىن  قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى تىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىدە 17 جەمئىيەت ۋە تەشكىلات بار بولۇپ، ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى جەمئيىتى ئەزا بولۇپ تەشكىلاتلار بىرلىكىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بولغان تەشكىلاتلارنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە؛

1  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

 2 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

  3 شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى

4  شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى.

5  شەرقىي تۈركىستان يىڭى نەسىل ھەركىتى.

6  شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى.

7 شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى.

 8  شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى.

9  ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى.

   10 ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تىكىن ۋەخپى.

11  غوجا  ئەخمەت يەسەۋى ئىلىم ۋە ئىرڧان ۋەخپى.

12  ئۇيغۇر ئىلىم- مەرىپەت ۋەخپى.

 13   دارۇلئىمان جەمئىيىتى.

     14 سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى.

15  ئۇيغۇر ساغلاملىق، تەلىم- تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ياردەملىشىش جەمئىيىتى.

16  ئۇيغۇر ئىلىم مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى.

 17 ئۇيغۇر مېدىيا تەشۋىقات مەركىزى.

18 ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى جەمئيىتى

ئاللاھ تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمىدا ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن تىزرەك قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋاسىتە قىلىپ بەرگۈسى  !!!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ