ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرنەچچە ئورۇندا پائالىيەت ئېلىپ باردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-29 16:01:41 جەمئى 2557 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرنەچچە ئورۇندا پائالىيەت ئېلىپ باردى


27-ئاپرېل باشلانغان 12-قېتىملىق خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇردى.
27-ئاپرېل باشلىنىپ، 28-ئاپرېل ئاخىرلاشقان پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ ئۈسكۈدار، ئەسەنلەر، كونيا قاتارلىق جايلىرىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش ئورنى تەسىس قىلدى. تەسىس قىلغان ئورۇنلاردا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر، كىيىم-كېچەكلەر ۋە ئۆي جابدۇقلىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى كۆرگەزمىگە قويدى. شۇنداقلا كۆرگەزمىگە كەلگەن زىيارەتچىلەرگە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
28-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «خەير كۆۋرۈكى» پائالىيىتىگە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللىدى. ئۈسكۈداردا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇر مەشرىپى ئويناپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى نامايان قىلدى.
28-ئاپرېل ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەھمۇد قەشقەرىي تەربىيەلەش جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىستانبۇلدىكى سىنان ئەردەم تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەفاھ پارتىيەسىنىڭ يىغىلىشىغا قاتناشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ