ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى (4)

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

(4) 

موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.

زاغرا نان قېتىققا ياخشى، قېرى كالا پېتىققا ياخشى.

ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسىنى يېرىۋالار.

ئۆردەك گۆشى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدە بول.

پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.

گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.

كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.

مىڭ پىراقتىن بىر ئەلىمىڭ يامان.

پىشقان قوغۇن ساپىقىدا تۇرماس.

پىلانسىز ئىش يوق ئىش.

پىل بىلەن دوست بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.

ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ.

ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام.

خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.

ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.

توخۇنى تاخ دېمە، مۈشۈكنى پەش دېمە.

نادان قازانغا قارايدۇ، تادان ئوچاققا.

قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار.

تاي تېپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.

ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.

كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت. قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى تارت.

ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.

ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.

تاشنى سوقسا قۇم بولۇر، تۆمۈرنى سوقسا قىل بولۇر. 

ئۆچكە تاغدا پۇل، ئۈزۈم باغدا پۇل.

دەرت كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق.

سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال.

ئەپتىڭ يامان بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە.

ئەتىگەندە قىلسا ناشتا، كېسەل بولماس باشتا.

ئەتلەس كىيسەڭ، بۆز كىيگىنىڭنى ئۇنۇتما.

ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى سال، كۈزنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى سال.

ئەجىر قىلساڭ تاشقا، ئېغىزىڭ تېگەر ئاشقا.

ئەجىر قىلساڭ چۆلگە، پۈركىنىسەن گۈلگە.

ئەجىر قىلساڭ، لوم تۆمۈر يىڭنە بولار.

ئەدەب-ئەخلاق بازاردا سېتىلماس، ئەدەبسىزگە ھېچكىم قېتىلماس.

ئەردىن ئەلگە نەپ، نەپ تەگمىسە كۆتىگە تەپ.

ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار.

ئەر قانىتى  ئات.

ئەر كۆركى  ساقال، سۆز كۆركى  ماقال.

ئەركىلىتىۋەرسەڭ، ئېشەككە مۈڭگۈز چىقار.

ئەر كۆيگەنگە كۆيمە، ئەل كۆيگەنگە كۆي.

ئەر ئۆزى ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ئېلى ئۈچۈن ئۆلەر.

ئەر ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار، ئەر نامىنى ئەل ساقلار.

ئەر ئېيتماس، ئېيتسا قايتماس.

ئەزمە ئويلانغۇچە، تەۋەككۈلچى مەقسەتكە يېتەر.

ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، كەمبەغەلگە پۇتلاش تولا.

ئەسكى جاڭگالنىڭ تۈلكىسى كۆپ، تەخسىكەشنىڭ كۈلكىسى كۆپ.

ئەسكى دۇمباقنىڭ ئۈنى يوغان، ئەخمەق كىشىنىڭ گېپى يوغان.

ئەسكىدىن جىن قورقىدۇ.

ئەسكىسىنى ياراتماي، ئوبدىنىنى تاپالماي، داغدا قالغان باراتباي.

ئەسكە مېھمان ئىشىكتىن كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.

ئەسكىنى ئالداپ ئىشلەت، تاسمىنى مايلاپ ئىشلەت.

ئەسلىڭنى ئۇنتۇدۇڭ، نەسلىڭنى قۇرۇتتۇڭ.

ئەقىل چىرىغىڭنى چاقنىتاي دېسەڭ، بىلىمگە ئاشىق بول.

ئەقىلسىز باشنىڭ جاپاسىنى پۇت تارتىدۇ.

ئەقىلسىزنىڭ پەمى يوق، گەپ-سۆزىنىڭ تەمى يوق.

ئەقىللىق بىلىمگە ئامراق، ئەقىلسىز ئويۇنغا ئامراق.

ئەقىللىق پۇل تاپسا ئايغا مىنەر، ئەقىلسىز پۇل تاپسا لايغا مىنەر.

ئەقىللىق تېپىپ سۆزلەيدۇ، نادان كۆپۈپ سۆزلەيدۇ.

ئەقىللىقنى ئىشىدىن بىل، بىلىملىكنى سۆزىدىن بىل.

ئەقىللىق ئويلاپ سۆزلەر، ئەقىلسىز ئويناپ سۆزلەر.

ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، ئەقىلسىز ئۆزگىنى ئەيىبلەر.

ئەقىللىق ئۈمىدۋار كېلىدۇ، ھاماقەت خىيالچان كېلىدۇ.

ئەركىلىتىش ئاپەت، باشقۇرۇش مۇھەببەت.

ئەل ئاياغ باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە.

ئەل بار سورۇندا ئوغلۇڭنى چۆكۈرمە، ئەر بار سورۇندا قىزىڭنى چۆكۈرمە.

ئەل بار يەردە ئەر خار بولماس.

ئەل بەختىگە كۆيگەندىن ئەل سۆيۈنەر.

ئەل بولساڭ، تۇغۇڭنى كۆرسەت؛ باتۇر بولساڭ، بۇغۇڭنى كۆرسەت.

ئەل بېشىغا كۈن چۈشسە، ئەل باغرىدا مىڭ ئۆچكە.

ئەل بىر پەرياد چەكسە، سەن مىڭ پەرياد چەك.

ئەل بىلەن بىللە كېسىلگەن قولدىن قان چىقماس.

ئەلدىن بېشىڭنى تارتقىنىڭ، مۇردا بولۇپ قاتقىنىڭ.

ئەلدىن قاچقان سەلگە ئۇچراپتۇ.

ئەل ساڭا غۇنچە تۇتسا، سەن گۈلدەستە تۇت.

ئەل سۆيمىگەن ئەردىن گىياھ ئۈنمىگەن يەر ياخشى.

ئەل سىلىسا ئەل ئايىغى، ئەل سىلىمىسا ئىت يالىقى.

ئەل غېمىدىن ئەر قاچسا، ئەر غېمىدىن ئەل قاچار.

ئەل كۆكەرسە، ئەر كۆكىرەر.

ئەل كۆڭلىنى ئوۋلىغانلار مەقسەتكە يېتەر، ئەل كۆڭلىنى ئاغرىتقان ھەسرەت چېكەر.

ئەل كىرگەن كېچىكتىن يانما.

ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.

ئەلگە بەرسەڭ ئېشىڭنى، ئەل سىلايدۇ بېشىڭنى.

ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن.

ئەلگە ئىشلەتمىگەن بىلىم، سۆڭەككە چاپلاشقان يېلىم.

ئەلگە ياخشىلىق قىلغىنىڭ  كۆكتە پەرۋاز قىلغىنىڭ.

ئەل مەشئەل كۆتۈرسە، شەپەرەڭ دات سالار.

ئەل مېھرىنى ئۆتۈنمە، ئوتىدا كۆي، ئۆكۈنمە.

ئەلنى سۆيسەڭ يولۇڭ ئوچۇق، ئەلنى سۆيمىسەڭ كۆتۈڭ ئوچۇق.

ئەلنى سۆيگەن خار بولماس، پەننى سۆيگەن زار بولاس.

ئەلنى سېغىنغان ئايغا باقار، ئەلدىن كەچكەن لايغا پاتار.

ئەلنىڭ ھەققىنى يېسەڭ، كۆتۈڭدىن پۈتۈن چىقار.

ئەمەلدار بۆرە بولسا، پۇقرالار تۈلكە بولار.

ئەمەلدارنىڭ ئوت قويۇشىغا رۇخسەت، پۇقرانىڭ چىراغ يېقىشىغا يول يوق.

ئەمەلدىن كەچ، ئەلدىن كەچمە.

ئەمگەك بىلەن ئەل كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر.

ئەمگەك بىلەن ھەرىكەت قىلساڭ، ئالتۇن بىلەن بەرىكەت تاپىسەن.

ئەمگەك قىلغان جىگدە يەپتۇ، ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ