ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (1)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (1) 

ئاتا-ئانا چۈمۈلىدەك يىغار، بالا توخۇدەك چاچار.

ئاتا-ئاناڭدىن مىراس قالسۇن دېسەڭ، ھۈنىرىڭگە ئىخلاس قىل.

ئاتا-ئاناڭغا چىنىدە بەرسەڭ، پەرزەنتىڭ ساڭا تاغارلاپ بېرەر.

ئاتا-ئاناڭغا نېمە قىلساڭ، بالىلىرىڭدىن شۇنى كۆرىسەن.

ئاتا-ئاناڭنى باقمىساڭ، بالاڭدىن تاما قىلما.

ئاتا-ئاناڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىل، خەلقىڭنىڭ خىزمىتىنى قىل.

ئاتا-ئانام بولسىكەن، ئاغزى-بۇرنى بولمىسىكەن.

ئاتا-ئانا يايرىسا باغ، يۆلەنسە تاغ.

ئاتا-ئانىدىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.

ئاتا بالىسى بولغۇچە، يۇرت بالىسى بول.

ئاتا دۇئاسىدا باغ كۆكلەر، ئانا دۇئاسىدا ئەل كۆكلەر.

ئاتا كۆرگەن ئوق ئاتار، ئانا كۆرگەن تون پىچار.

ئاتاڭ بار، ئاناڭ بار، بايلىقىڭ شۇ، ئەتىگەندە بېرەر تاماق، قايمىقىڭ شۇ.

ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.

ئاتا مېھرى چىراغ، ئانا مېھرى بۇلاق.

ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئانا ئۆينىڭ يۈرىكى.

ئابروي ئەقىلدىن كېلەر، ئېغىزدىن كېتەر.

ئات جەڭگە كىرسە، ئۇيقىسى ئېچىلار.

ئات تويغان يېرىگە تارتىدۇ، يىگىت تۇغۇلغان يېرىگە.

ئاتقا مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن «ۋاي» دېمە.

ئاتنىڭ  زىننىتى ئېگەر، ئەرنىڭ  زىننىتى ھۈنەر.

ئاتنى مىنىپ سىنا، ئادەمنى ئارىلىشىپ سىنا.

ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلار، ئادەم ئۇزۇن يولدا سىنىلار.

ئات ئۈستىدە كارۋانمەن، جەڭ ئۈستىدە پالۋانمەن.

ئاتىقى چىققاننى ياتمۇ تۇغقىنىم دەيدۇ، چاتىقى چىققاننى تۇغقانمۇ يات دەيدۇ.

ئاچچىق ئەقىلنى كېسەر، تاتلىق كۆڭۈلنى يېشەر.

ئاچچىق تەر تۆكسەڭ، تاتلىق تاماق يەيسەن.

ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچار.

ئاچ دەردىنى توق بىلمەس، كېسەل دەردىنى ساق بىلمەس.

ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.

ئاچلىق نېمىنى يىگۈزمەس، بايلىق نېمىنى دېگۈزمەس.

ئادالەتسىز پادىشاھنى ئادالەتلىك خورلۇق ئۆلتۈرەر.

ئادەت ئادەمنى باشقۇرماس، ئادەم ئادەتنى باشقۇرار.

ئادەم ئالدىنىدۇ مالغا، قۇش ئالدىنىدۇ دانغا.

ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت، ھالال تېپىپ لازىم ئەت.

ئادەم ئەللىك يىلدا يېتىلەر، دەرەخ ئون يىلدا يېتىلەر.

ئادەم بولغان ئادەمدە مىڭ كىشىنىڭ ئىشى بار، ئادەم بولمىغان ئادەمدە كىمنىڭ نېمە ئىشى بار.

ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن، ئەخمەق بولىسەن ساقىلىڭ بىلەن.

ئادەم بىلىمى بىلەن دۆلەت، بىلىمسىزدە قۇرۇق سۆلەت.

ئادەم جىق يەردە ئىش ھارام، موللا جىق يەردە گۆش ھارام.

ئادەم دوستى بىلەن، دەرەخ پوستى بىلەن.

ئادەمدە ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر.

ئادەم زىننىتى كىيىم بىلەن، يەر زىننىتى دەرەخ بىلەن، دەرەخ زىننىتى يوپۇرماق بىلەن.

ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.

ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.

ئادەمنىڭ روھى چۈشسە، ئېتى يۈگۈرەلمەس.

ئادەمنىڭ زىننىتى كىيىم، يەرنىڭ زىننىتى جىرىم.

ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، ئەمگىكىگە قارا.

ئادەمنىڭ قىممىتى ئۆزىدە، ئۈزۈكنىڭ قىممىتى كۆزىدە.

ئادەمنىڭ كۈنى كۆپ بىلەن، ھايۋاننىڭ كۈنى چۆپ بىلەن.

ئادەمنىڭ ئېسىلى ئۆلگەندە بىلىنەر، ئاتنىڭ خۇيى مىنگەندە بىلىنەر.

ئادەمنىڭ ئېشى تۈگىگىنى، ئىشى تۈگىگىنى.

ئادەمنىڭ ياخشىسى ئەل-يۇرت دەپ ئۆلەر.

ئادەمنى ئۆتكۈر قىلغان ئاڭ، قىلىچنى ئۆتكۈر قىلغان گاڭ.

ئادەم ھاياسى بىلەن، ھايۋان باھاسى بىلەن.

ئادەم ئىككى نەرسىدىن زېرىكمەيدۇ: بىرى ناندىن، يەنە بىرى جاندىن.

ئاددىي-ساددا ئالقىش ئالار، ھالى يوغان قارغىش ئالار.

ئارپا-پۇرچاق ئاش ئىكەن، ئۈنچە-مارجان تاش ئىكەن.

ئارقىدا قالغان ئىشىڭغا، قار ياغىدۇ بېشىڭغا.

ئاز-ئازدىن ئۆگەنسە دانا بولۇر، قەترە-قەترە يىغىلىپ دەريا بولۇر.

ئازاب چەككەننىڭ بىلىدىغىنى كۆپ.

ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەپتۇ.

ئاز گەپ—ئۇز گەپ، جىق گەپ—مۇز گەپ.

ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ.

ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.

ئاسقۇدا گۆش بولسا، بىر كۈن مېھمانغا ياراپتۇ.

ئاسماندا پۇل بار دېسە، شوتا ئىزدەپتۇ.

ئاسمانغا تۈكۈرسەڭ، يۈزۈڭگە چۈشەر.

ئاشتىن كېيىن زاغرا، تويدىن كېيىن ناغرا.

ئاش ساتساڭ يىرىك سات، ئات ساتساڭ تىرىك سات.

ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار.

ئاشلىق بەدەن ئوزۇقى، ئىلىم-پەن ئەقىل ئوزۇقى.

ئاشنىڭ ئالىسى قورساقنى ئاغرىتار، كۆڭۈلنىڭ ئالىسى دىلنى ئاغرىتار.

ئاشنىڭ دەردىنى ئاچ بىلەر، ئانىنىڭ قەدرىنى يېتىم بىلەر.

ئاغرىق بولساڭ ئۆلۈپ قۇتۇل، قەرزدار بولساڭ بېرىپ قۇتۇل.

ئاغرىق ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كەپتۇ.

ئېغىزىدا ئەل-ۋەتەن، كۆڭلىدە پەقەتلا «مەن».

ئېغىزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق.

ئېغىزىدىن ھەسەل تامار، كۆڭلىدىن زەھەر.

ئېغىزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ، دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە.

ئاغمىخاننىڭ توخۇنى يوقلىشىدا ياخشى نىيەت يوق.

ئاغىنەڭ ياردەم سورىسا، ئەتىگە قالدۇرما.

ئاقىللاردىن ھېكمەت ياغار، نادانلاردىن تۆھمەت ياغار.

ئاڭلاپ ئىشەنمەي، كۆرۈپ ئىشەن.

ئالاردا سانىقى ئوتتۇز، بېرەردە سانىقى توققۇز.

ئالەمنى سۇ باسسا، ھۇرۇننى ئۇيقۇ  بېسىپتۇ.

ئالىمىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار؛ ئادىمىڭنى كۆپ ياراتتىڭ، ئۈچىيىنى تار؛ مۈشۈكۈڭنى بەگ ياراتتىڭ، ئىتلىرىڭنى خار.

ئالتۇن باش ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە، پاخما باش ئاناڭ بىلەن قال.

ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.

ئالتۇن قەپەزدىن تىكەنلىك ئۇۋا ياخشى.

ئالتۇن-كۈمۈش چىققان يەردىن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەل ياخشى.

ئالتۇن ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نە پايدا؟

ئالتۇن يەردە قالماس، يەردە قالسا توپا قونماس.

ئالتۇننى كۆرگەن پەرىشتە يولدىن ئازىدۇ.

ئالدىدا ئاش قويۇپتۇ، كەينىدىن مۇشت قويۇپتۇ.

ئالدىدا كەتسەڭ تەسچىلىك، ئارقىدا قالساڭ سەتچىلىك، ئوتتۇرىدا ماڭساڭ ئىشەنچلىك.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ