ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنقەرەدە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

ئەنقەرەدە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

 

3-ماي جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئەنقەرە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى ھاجى بايرام جامەسىگە يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا شېھىت قىلىنغان، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرىينىڭ ئانىسى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق رەىسى قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ھاممىسى مەرھۇم بۈۋى خەدىچە ھاجىمنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق شېھىتلەرنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى.

ژۇرنالىست تاييار تەرجان ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا، ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقان، ئېتىقادى سەۋەبلىك قىرغىن قىلىنىۋاتقان خەلقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، زالىملارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ نامازغا يىغىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە شەرقي تۈركىستان خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ھايات كەچۈرگۈدەك بولغانغا قەدەر بۇ دەۋا ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە زالىم خىتاينىڭ ھامان بىر كۈنى ھالاك بولىدىغانلىقىنى، جىنايەتلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

غايىبانە جىنازا نامىرىغا ئشىتراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ