ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىرۇنېيدا ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى يولغا قويۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-04 15:12:31 جەمئى 613 قېتىم ئوقۇلغان.

بىرۇنېيدا ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى يولغا قويۇلدى

بىرۇنېيدا ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى يولغا قويۇلدى

4-ئاپرېل خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرۇنېي سۇلتانلىقى ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنىنى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان بىرۇنېي سۇلتانلىقى باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 2013-يىلى تۈزۈلگەن ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 3-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، دۆلەتتە ئىككى خىل قانۇن سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بىرۇنېي دارۇسسالام ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە تولۇق مۇستەقىل بىر ئىسلام دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، باشقا بارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۆز قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، بىرۇنېي دارۇسسالامنىڭ ھەردائىم بىرى ئىسلام قانۇنىغا، يەنە بىر ئانگلو-ساكسون قانۇنىنى چىقىش قىلىدىغان ئىككى يۆنىلىشلىك قانۇن سىستېمىسىنى تەتبىقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە ئىككى يۆنىلىشلىك قانۇن سىستېمىسىدىكى تىنچلىق ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامنىڭ داۋاملىىشىدىغانلىقى،  خەلقنىڭ جىنسى، مىللىتى، ئىرقى ۋە ئېتىقادىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئائىلىنى، تۇرمۇشنى ۋە دىننى مۇھاپىزەت قىلىش ھەمدە ئىسلام قانۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغانلىقى، مەزكۇر قانۇن ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە زىت ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشتىن سىرت، بارلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بىرۇنېي پادىشاھلىقىدا ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۇنجى ئۈچ باسقۇچى 2014-يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىرۇنېي سۇلتانلىقى نوپۇسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ