ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالام بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈدۇ. ئۇنىڭغا دېققەت قىلىپ قارىسا ماڭالمايدىغان بىر ناكا ئادەم ئىكەن. ئىككى كۆزىمۇ قارىغۇ ئىكەن.

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالام بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈدۇ. ئۇنىڭغا دېققەت قىلىپ قارىسا ماڭالمايدىغان بىر ناكا ئادەم ئىكەن. ئىككى كۆزىمۇ قارىغۇ ئىكەن. بەدەنلىرى بولسا تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئادەم قوللىرىنى كۆتۈرۈپ : ئى شۇنچە كۆپ بايلارغا بەرمىگەن نېمەتلەرنى ماڭا ئىكرام قىلغان، رەببىم! ساڭا دەرەخلارنىڭ يۇپۇرماقلىرىنىڭ سانىدەك شۈكۈرلەر بولسۇن، دەپ يالۋىرىپ دۇئا قىلىۋاتاتتى.

ئىسا ئەلەيھىسسالام بۇ ناكا ئادەمنىڭ يېنىغا باردى ۋە : سېنىڭ ماڭىدىغان پۇتۇڭ، كۆرىدىغانغا كۆزۈڭمۇ يوقكەن. بەدىنىڭمۇ ساغلام كۆرۈنمەيدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، نۇرغۇن بايلارغا بېرىلمىگەن نېمەتلەرنىڭ ساڭا بېرىلگەنلىكىنى سۆزلەپ دۇئا قىلىۋاتىسەن. شۇنچە كۆپ بايلارغا بېرىلمەي ساڭا بېرىلگەن نېمەتلەر قايسىلار؟ دەپ سورىدى.  ئۇ ئادەم يۇمۇلغان ھالەتتىكى كۆزلىرى بىلەن ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ : ئى ئېسىل كىشى! ئاللاھ ماڭا شۇنداق بىر يۈرەك بېرىپتۇكى مەن ئۇ يۈرەك بىلەن رەببىمنى تونۇۋالىۋاتىمەن. شۇنداق بىر تىل بېرىپتۇكى ئۇ تىل بىلەن ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھالبۇكى دۇنيانىڭ بايلىقى قولىدا  بولغان نۇرغۇن بايلار بار. بىراق ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاللاھنى تونۇش سۈيۈنۈشى، تىلىدا بولسا ئاللاھنى زىكىر قىلىش بەختىيارلىقى يوقتۇر. سەن  كېلىپ كۆرگىنكى،ئاللاھ ماڭىدىغانغا پۇتى، كۆرىدىغانغا كۆزى يوق، بەدەنلىرىنى كېسەللىك ئورىۋالغان مېنىڭدەك بىر ئادەمگە بۇ سۆيگۈ مۇھابەتنى ئىھسان قىلدى. بۇ نېمەتنى بىلەلەيدىغان تەپەككۈرنى ئىھسان قىلدى. مەن بۇنى ئويلىغانسېرى ئۆزەمنى تۇتالماستىن : شۇنچە كۆپ بايلارغا بەرمىگەن نېمەتنى ماڭا بەرگەن رەببىمگە چەكىسز شۈكۈرلەر بولسۇن! دەپ دۇئا قىلىشتىن ئۆزەمنى توختۇتالمايمەن، دەيدۇ. 

جىسمانىي كۆزى  كۆرمىسىمۇ قەلب كۆزى ئوچۇق بولغان بۇ ئادەمگە يېقىنلاشقان ئىسا ئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا ماڭا شۇ قولۇڭنى بەرگىنە! دېگەچ ئۇ ئادەمنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئىگىلىپ تۇرۇپ ئۇ ئادەمنىڭ كۆرمەس كۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە سۈيۈپ قويۇدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ لەۋلىرى تەگكەن كۆزلەر دەرھال ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئۇدۇلىدا تۇرغۇچىنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە چەكسىز ھاياجانلانغان بۇ ئادەم: سەن ئاشۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەن. كېسەللەرگە شىپا بەرگەن مۆجىزىلەرنىڭ ئىگىسى پەيغەمبەر ئەمەسمۇ؟ دېگەندە ئىسا ئەلەيھىسسالام: ئېنىق بولمىدىمۇ؟ دەيدۇ. ئۇنىڭغا  جاۋابەن.

كۆزلىرىمنىڭ ساقايغانلىقىدىن قارىسام سەن ئىكەنلىكىڭ ئېنىق. بىراق پۇتلىرىمنىڭ ھالىغا قارىسام ئېنىق ئەمەس، دەيدۇ.

ئۇنىڭغا: سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ باقمامسەن؟ دېيىلگىنىدە سىلكىنگەن بۇ ماڭالماس ئادەم دەرھال ئورنىدىن تىكلا تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۆرە تۇرالغانلىقىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ دەرھال ۋە ئەڭ دەسلەپ قىلغان سۆزى

– ئى ئاللاھىمنىڭ پەيغەمبىرى! سەندىكى بۇ مۆجىزىلەرمۇ ئاللاھتىن ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق ئىكەن ماڭا رۇخسەت قىلغىنكى، كېچىكمەستىن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىۋالاي، دېگىنىچە يەنە سەجدىگە باش قويۇپ:  ئى رەببىم! سېنى تونىغان بىر يۈرەك، شۈكۈر قىلالىغان بىر تىلنىڭ شۈكرىسىنى ئادا قىلىشقا ئاجىز كېلىۋاتقىنىمدا سەن ماڭا كۆرىدىغان بىر جۈپ كۆز، ماڭالايدىغان ئىككى پۇت ئاتا قىلدىڭ. ئەمدى مەن بۇ نېمەتلەرنىڭ قارشىلىقىنى قانداق ئادا قىلىمەن؟ دەپ دۇئا قىلىدۇ.

بۇ ئەسنادا ئەتراپقا توپلانغان كىشىلەر كۆرسىتىلگەن مۆجىزە ئۈچۈن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىغا سۈيمەكچى بولغاندا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا  ئەلەيھىسسالام سەجدىدىكى ئۇ ئادەمنى كۆرستىپ تۇرۇپ: مېنىڭ قولۇمغا ئەمەس، سەجدىدىكى ئاۋۇ ئادەمنىڭ قولىغا سۈيۈڭلار، دەيدۇ.

 خۇلاسە: ئۇ ئادەمنى سەجدىگە بارغۇزغان ئاشۇ نېمەتلەر بىزدە ئەزەلدىنلا بار. بىراق بىز ھېچ بەخت ھېس قىلالمىدۇق.

ئۇنداق بولسا تەپەككۈر قىلىڭ. ئويلىنىڭ. پەقەت ئويلانغان، تەپەككۈر قىلغان ئىنسانلا ئۆزى ئىگە بولغان نېمەتلەرنى تونۇيالايدۇ، بىلەلەيدۇ. ئويلىنىپ تەپەككۈر قىلمىغانلار بولسا مەھرۇمىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشايدۇ.

ھازىرلاپ تەييارلىغۇچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ