ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بېيجىڭدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-21 18:19:24 جەمئى 9204 قېتىم ئوقۇلغان.

بېيجىڭدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

بېيجىڭدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
20- سىنتەبېر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر كوممونىستىك پارتىيىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەر ئىشلىرى بۆلۈمى ئالدىدا نامايىش قىلغان.
نامايىشقا نەچچە مىڭلىغان ئەسكەر قاتناشقان. نامايىشچىلار « ئىتتىپاقلىق كۈچ» دېگەن ناخشىنى بىر ئاۋازدا ئېيتقان ھەمدە « بىزگە ھاياتلىق ھوقۇقى بېرىلسۇن» دېگەن شۇئارلارنى توۋلىغان.
خىتاي دائىرلىرى زور كۆلەمدە ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچىلارنى قورشاپ ئىش بىجىرىش بۆلۈمىگە بېسىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ئەسلىدە سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر 19- سىنتەبېر خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ بېيجىڭدىكى سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمىگە ئۆزلىرىنىڭ دەم ئېلشىقا چىققاندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئەرز قىلغانلىقى بىراق خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇلار قىلغان ئەرزگە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى كۆرگەن ئەسكەرلەر دەرغەزەپ بولۇپ دەرھال بىر- بىرىگە ئۈجۈر يوللاپ نامايىشنى باشلىۋەتكەن.

ئىگىلىنىشچە، سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەر  لىياۋنىڭ، ئەنخۈي قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى نامايىش قىلغان, ھەمدە كېچىدە ئۆيلىرىگە قايىتماي نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ