ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بەزى ئەھۋاللارنى يازغۇم كەلدى

بەزى ئەھۋاللارنى يازغۇم كەلدى

 

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

3-ئاينىڭ 13-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئىشخانىسىدا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە گۆش تارقىتىلغان ئىدى. بۇ گۆش تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ شەخسىي قۇربانلىقى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئافغان، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈرك، كۇرد... قاتارلىق ئومۇمغا خاس، قىيىنچىلىق تارتىپ قالغان ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئۈچۈن بولۇپ، تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تارقىتىلغان ئىدى.

كېرەم قارىم بۇ خەۋەرنى بىر كۈن بۇرۇن ئاڭلاپ، قىزىل ئاينىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋالىمىزنى ئېيتتى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەر بىلەن كېرەم قارىم قىيىنچىلىقى بار بىر قىسىم كىشىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، قىزىل ئاينىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئۇقتۇردى. مەن سائەت ئۈچ يېرىملار بىلەن بارسام، بىزنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىمىزمۇ كەلگەن بولۇپ، گۆش تارقىتىشنى باشلاپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، قولۇمدىكى تىزىملىكنى كۆرسىتىپ، ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈردۈم. ئۇ كىشى: «بۇ ياردەم ئومۇمغا خاس، شۇڭا سىلەرگە ئايرىم بېرەلمەيمىز» دېدى. قارىسام گۆش چەكلىك بولۇپ، بىزنىڭكىلەر كېلىپ بولغۇچە تۈگەشكە باشلىدى. مەن ئۇلارغا قايتا-قايتا گەپ قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 40 ئائىلە ئۈچۈن ھەر خالتىسى ئۈچ كىلودىن بولغان 40 خالتا گۆش ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، كېرەم قارىمغا ئەھۋالنى ئېيتتىم.

كېرەم قارىم مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، قولىدا ياردەمگە ئېھتىياجلىق خەلقىمىزنىڭ ئىسمى، تېلېفون نومۇرى تىزىملانغان بىر دەپتەر چىقىدىغان تىزىملىك بار ئىدى. ئېلىپ كېلىنگەن گۆش بولسا پەقەت 40 ئائىلىگە يېتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كېرەم قارىم قولىدىكى تىزىملىكتىكى بەكرەك ياردەمگە موھتاج بولغان 40 كىشىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردى. بۇ ۋاقىتتا كېرەم قارىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ چاپادىكى مەركىزىدە بولغاچقا مەن يالغۇز ئىدىم.

بىردەمدىن كېيىن كىشىلەر كېلىشكە باشلىدى. مەن ئۇلاردىن: «كېرەم قارىم تېلېفون قىلدىمۇ؟» دەپ سورىدىم. «قىلدى» دېگەن جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى، تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ، ئىمزا قويغۇزۇپ كەلگەن ھەربىر كىشىگە بىر خالتىدىن گۆش بەردىم. بۇ گۆشلەر بەش يېرىملار بىلەن تۈگىدى. ئەمما گۆش ئالغىلى كەلدۇق، دەپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، بىردەمدىلا 10-20 ئادەم بولۇپ كەتتى. كېيىن ئۇقساق تېلېفون قىلمىغان ئادەملەرمۇ كېلىپ، «ماڭا تېلېفون قىلدى» دەپتۇ. ئۆزى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بالىلىرىنى كىرگۈزۈپ، باشقا ئىسىم، باشقا تېلېفون نومۇرى بىلەن گۆش ئېلىپتۇ. تورلاردا، ۋاتسئەپ توپلىرىدا «مائارىپ جەمئىيىتى گۆش تارقىتىپتۇ، دەرھال بېرىپ ئېلىۋېلىڭلار!» دېگەن ئۇقتۇرۇشلار تارقىلىپ كېتىپتۇ. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولغاچقا، تېلېفون قىلىنغان كىشىلەردىنلا 15-20 كىشىگە گۆش يەتمەپتۇ.

كەلگەن كىشىلەرگە گۆش تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا بەزىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەلدى. بەزىلىرى: «ھەرقايسىڭ تارقىتىدىغان گۆشنى ئۆزۈڭ ئېلىۋېلىشتىڭ. پۇل كەلسىمۇ، ياردەم كەلسىمۇ زادى سەن نېمىلەردىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىن ئاشمايدۇ...» دەپ كەتتى. مەن ئاخىرى سەۋر قىلالماي ھاجەتخانىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدىم. كېيىن يەنە بەزى كىشىلەر ئىشىكنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «ھارام يەۋالغان گۆشلەر گاللىرىڭدىن تېشىپ چىقسۇن!» دەپ ۋارقىراپ، قارغاپ كەتتى. مىڭبىر بالادا ئىشىكنى تاقاپ، ئۆيگە بېرىپ بولغۇچە «گۆش ئالغىلى كەلگەن...» دەپ نەچچە قېتىملاپ تېلېفون كېلىپ، ئاخىرى تېلېفوننى تاقىۋەتتىم. ئەتىسىمۇ (پەيشەنبە)، بۈگۈنمۇ (جۈمە) گۆشكە كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى دەرد ئېيتىپ، ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئىشخانىسىغىچە بېرىشتى. مانا ھازىرمۇ «گۆش تارقىتىپتىكەن» دەپ كېلىۋاتىدۇ.

گۆش تارقىتىشنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنداق بولدى. ھەممىلا ئادەم «ماڭا» دەيدىكەن. كەلگەن گۆشنىڭ ھەممىسى جەمئىي 40 كىشىلىك تۇرسا، ئېھتىياجلىق كىشىلىرىمىز شۇنداق كۆپ تۇرسا، بۇ 40 كىشىلىك گۆش بىلەن شۇنچە كۆپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قانداق ئۇسۇل بىلەن رازى قىلغىلى بولىدۇ؟!

تۈنۈگۈن (پەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن قىزىل ئاينىڭ گۆش تارقىتىش مەسئۇلى گۆش ئالغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئالغىلى كەلدى. ئۇ ئادەم بىزنىڭ ئادرېسىمىزنى بىلمىگەچكە، مەن ئۇلۇ جامىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تىزىملىكنى تاپشۇردۇم. ئۇ ئادەم تىزىملىكتىكى تېلېفون نومۇرى، ئىمزالارنى بارمىقى بىلەن بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن: «گۆش تارقاتقان يېرىڭلارنى كۆرەي» دېدى. مەن ئۇ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ، ئورنىمىزنى كۆرسىتىپ قويغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇپ قايتتى. دېمەك، ئى خ خ (İHH-ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى) بولسۇن، قىزىل ئاي (Türk Kızılayı-تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇرغان، خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ «قىزىل كىرىست جەمئىيىتى»گە ئوخشايدىغان، خەلقئارالىق ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى) بولسۇن، دېڭىز فەنەرى (Deniz Feneri-تۈركىيەنىڭ قىيىنچىلىق تارتىپ قالغان ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىدىغان جەمئىيىتى) بولسۇن، مەزلۇمدەر (MAZLUMDER-ئىنسان ھەق ۋە ھۈررىيەتلىرىنى قوغدايدىغان، ياردەم قىلىدىغان جەمئىيەت) بولسۇن، شەخسلەر بولسۇن... قىلغان ياردەملىرىنىڭ ھېسابىنى مانا مۇشۇنداق ئالىدىكەن. يەنى بۈگۈنگىچە كىم، قايسى جەمئىيەت، قايسى ۋەقفى نېمە ياردەم قىلغان بولسا، ھېسابىنى بىزدىن مۇشۇنداق تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن. ئەگەر نەق پۇل ياردەم قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن خەۋەر قىلىپ، كېيىن مەسئۇل خادىملىرىنى ئەۋەتىدىكەن. بىزنىڭكىلەر ئۇلارنى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە باشلاپ بېرىپ كۆرۈشتۈرىدىكەن. ئۇلار بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن پۇللىرىنى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆز قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.

ئەمما بىزنىڭكىلەر بولسا باشقىلاردەك ھېساب ئالىمەن دېمەيدۇ. چۈنكى بىزگە ئىشىنىدۇ. مەسىلەن: مەن سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىدا ئىشلىگەن ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ خېلى كۆپ كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن ئامانەت، سەدىقە، زاكات ۋە ھەر خىل ياردەم پۇللىرىنى كېرەم قارىم يوق ۋاقىتلاردا ماڭا بەردى. مەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تونۇمايتتىم. ئۇلارغا: «پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمغا قارىتا ھۆججەت يېزىپ بېرەي» دېدىم. ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «رەھمەت، بىز سىلەرگە ئىشىنىمىز» دېدى. ياردەم تاپشۇرۇلغان كىشىلەرگە خەۋەر قىلىپ قويۇشۇم ئۈچۈن تېلېفون نومۇرلىرىنى سورىسام ئېيتىپ بەرمىدى، ھەتتا ئىسمىنىمۇ قالدۇرمىدى.

ئەمما ئەڭ ھەيران قالغىنىم، بۈگۈنگىچە مائارىپ تەشكىلاتىغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ باقمىغان كىشىلەردىن بەزىلىرى داۋاملىق «مائارىپ تەشكىلاتى ئالغان ياردەم پۇلنىڭ ھېسابىنى بەرسۇن، ئۇ پۇللارنى نەدىن ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىسۇن...» دەپ دەۋا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان سىياسىي خىزمەت تۇرسا، نېمە دەپ ئىقتىسادنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېيتىپ بەرگۈدەك؟ ئەگەر ئېيتىپ بەرسە، ئاشكارىلىسا قانداق ئەھۋاللار يۈز بېرەر؟ مۇشۇمۇ گەپمۇ!

مەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولغاچقا، ئاز بولسىمۇ تۈركىيەدىكى بەزى ئەھۋاللارنى بىلىمەن. ئۆتكەن يىل فېيسبۇكتا بەزى ئەھۋاللارنى پاكىتى ۋە سۈرەتلىرى بىلەن قوشۇپ ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلدىم. شۇڭا بۇ يەردە ئارتۇق توختالمايمەن. دېمەك، تۈركىيەدىكى ئەھۋاللار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغىچە بولغان جەرياندا مەن يېزىپ ئېلان قىلغاندەك ئىدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم (1963-2016) مىسىردىكى ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 2004-يىلى يازدا تۈركىيىگە كېلىدۇ. ئۇ تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن، تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ئەمەت (ياپچان)، ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، ئىبراھىم داموللام، سۇلتان قارىم (ئاتاۋۇللا شاھيار)، كېرەم قارىم...قاتارلىق سەپداشلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ، مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، كۆپ قىسىم خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن يەنە ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي، كېچە-كۈندۈز دېمەستىن تىرىشىپ، سەپداشلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىشى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆۋەندىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

 

1. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى (2006-يىلى 5-ئاينىڭ 24-

كۈنى قۇرۇلغان) (سىياسىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل).

2. سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى (ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل).

3. ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى (تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل).

4. سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى (تەرجىمە ۋە نەشرىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل)

5. شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى.

6. ياش مائارىپچىلار (بۇ تەشكىلات 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى «يېڭى نەسىل ھەركىتى» دېگەن ئىسىم بىلەن تەستىقلىنىپ رەسمىي قۇرۇلدى) (ياشلار خىزمىتىگە مەسئۇل).

7. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى (Doğu Türkistan Platformu).

8. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى (2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى).

9. نۇزۇگۇم خانىملار مەدەنىيەت مەركىزى (2013-يىلى). (بۇ تەشكىلات (2017-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى» دېگەن ئىسىم بىلەن تەستىقلىنىپ رەسمىي قۇرۇلدى).

10. سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى (2016-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى).

 

ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن ئىككىمىز ۋەتىنىمىزنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىر سىياسىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە، تەشكىلات ئىشخانىسىغا مۇۋاپىق بىر جاي تېپىپ ئىجارە ئېلىش ئۈچۈن يولدا كېتىۋاتىمىز. چۈنكى ئاپتوبۇسغا بېلەت ئالايلى دېسەك يېنىمىزدا پۇل يوق. ھاۋا ئىسسىق، ئۇسساپ كالپۇكلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى. ئىككىمىزنىڭ يانچۇقىدا 50 كۇرۇش (يېرىم لىرا) پۇل بولۇپ، بۇ پۇلغا بىر بوتۇلكا سۇ كېلىدۇ. ئەمما بۇ پۇلنى خەجلەشكە كۆزىمىز قىيمىدى».

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قۇرۇلۇپ 3-كۈنى كىتابخانىدا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ: «ھاجىكا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى تارىخىمىزدىكى چوڭ بىر ئىش. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى نەچچە يىلدا ئەمەلگە ئاشتى؟» دەپ سورىدىم. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم تۇرۇپ كېتىپ: «ئاسانغا توختىمىدى. توققۇز، توققۇز يېرىم يىلدا ئەمەلگە ئاشتى» دېگەن ئىدى.

دېمەك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بولسۇن... نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ قۇرۇلغان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەشكىلات، تەشكىلات خىزمەتلىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم توغرىلىق ئاجايىپ پىتنە-پاساتلارمۇ تەڭ تارقىلىپ ماڭدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىر سىياسىي يېتەكچى ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر دەۋاگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ پىرېزىدېنتلىرىدىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن نەچچە قېتىملاپ كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىدۇ. كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللىشىنى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ھەيران قالارلىق پىتنە-پاساتلار ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقىپ، مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، ئابدۇقادىر ياپچان... قاتارلىق ئۇنىڭ سەپداشلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھەيران قالارلىق يېرى، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى كۈچەيگەنسېرى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتى ئۈستىدىن، رەھبەرلىرى ئۈستىدىن ھەم قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ئۈستىدىن دېگەندەك بارلىق تەرەپلەردىن پىتنە-پاساتلارمۇ، توسقۇنلۇقلارمۇ، نارازىلىقلارمۇ تەڭ كۈچىيىپ ماڭدى ۋە ماڭماقتا. مەسىلەن:

1. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق بىر قانچە كىشى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆي سېتىۋالسا، «سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىككى مىليون دوللار ياردەم پۇلى كەپتىكەن، بىرەر يۈز مىڭ دوللارنى تارقىتىپ، قالغان پۇلغا ئۆي ئېلىۋالدى، ماشىنا ئېلىۋالدى، دۇكان ئېچىۋالدى...» دېگەندەك گەپ تاپتى. بۇ ئىككى مىليون دوللار كۆپىيىپ، 2014-يىلىغا كەلگەندە يىگىرمە مىليون دوللارغا چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى سۇغا چىلاشتى.

2. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن قۇرئان كۇرسى ۋە ئاناتىل كۇرسى ئاچسا، تەرەپ-تەرەپتىن مۇشۇنداق مەكتەپلەر ئېچىلىپ كەتتى.

3. خىتايغا قارشى نامايىش قىلسا، نامايىشقا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلدى. بۇ ھەرىكىتىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، «ئاياللار نامايىش قىلسا بولمايدۇ» دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتى مەيلى قانداق خىزمەت قىلسۇن، ئۇ كىشىلەر پەقەتلا رازى بولمىدى. قانچە خىزمەت قىلغانسېرى، شۇنچە ئەيىب-نۇقسان تاپتى. قانچە خىزمەت قىلغانسېرى، مائارىپ تەشكىلاتىغا شۇنچە دۈشمەنلىك قىلدى. (ياراتمايسەن خەق توقۇغان تاۋارنى، قاملاشتۇرۇپ توقۇيالمايسەن ماتانى)

4. بەزى كىشىلەر سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىغا كېلىپ: «كىتابلارنى نېمىشقا پۇلغا ساتىسىلەر، بايراقلارنى نېمىشقا پۇلغا ساتىسىلەر...» دەپ غەلۋە قىلدى. يەنە بەزى كىشىلەر بىكارغا تارقاتقان كىتابلارنى ئېلىپ، كۆپ ئالغاچقا كۆتۈرەلمەي: «نېمىشقا كىتابلارنى ئۆيىمىزگە ئاپىرىپ بېرىدىغانغا ماشىنا ئالمىدىڭلار» دەپ قاتتىق نارازى بولدى.

5. مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن شەھىد قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، 7-8 مىڭ ئادەم يىغىلىپ، غايىبانە جىنازا نامىزى قىلسا، «ياڭراتقۇسى بۇزۇقكەن» دەپ جاھاننى بېشىغا كىيدى.

6. يەنە 7-8 مىڭ ئادەم خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلماقچى بولسا، بۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇشقا تىرىشتى. نامايىشنى توسۇپ قالالمىغاندىن كېيىن: «ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازى يەتمىدى، نېمىشقا تۈركىيەنىڭ پارتىيەلىرىدەك ياڭراتقۇسى بار ماشىنا ئالمايدۇ» دەپ ھالى قالمىدى.

7. مائارىپ تەشكىلاتى نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەرخىل ياردەملەرنى قىلىپ كېلىۋاتقاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ شارائىتى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەھۋالغا قاراپ سەككىز يۈزگە يېقىن (مېنىڭ بىلگىنىم) ئائىلىنىڭ ئالتە ئايلىقتىن بىر يىللىققىچە ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەپ بېرىۋاتقان ئىدى. بۇلاردىن 6-7 ئايلىق ئۆي ئىجارىسى بېرىلگەنلەردىن بەزىلەر: «پالانىنىڭ بىر يىللىق ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەپ بېرىپتۇ، مېنىڭكىنى نېمىشقا ئاران ئالتە ئايلىق تۆلەپ بېرىدۇ» دەپ نارازى بولۇشتى.

8. قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قىيىنچىلىق ئەھۋالىغا قاراپ ياردەم قىلسا: «پۇستانچىغا ئايدا مۇنچە پۇل ياردەم قىلىدىكەن، بىزگە نېمىشقا ئاز ياردەم قىلىدۇ» دەپ نارازى بولۇشتى. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى مائارىپ تەشكىلاتىنى ئىچىدىن يامان كۆرەتتى. ئەمما يىللاردىن بېرى تارقىتىلغان ھەرقانداق ياردەمنى قاچۇرماي ئېلىپ تۇراتتى. ئايدا، يىلدا بىرەر قېتىم نامايىش ياكى باشقا پائالىيەتلەرگە ئېزىپ كېتىپ بولسىمۇ قاتنىشىپ قالمايتتى. مەن تونۇيدىغان بەزىلەردىن: «سىلەر نېمىشقا بىرەر قېتىم بولسىمۇ نامايىش، يىغىنلارغا قاتناشمايسىلەر؟» دەپ سورىسام، ئۇلار: «ۋاي بىلمەپتىمەن، ئاڭلىماپتىمەن، تېلېفونۇم يوقتى، تور يوقتى، خەۋەرسىز قېلىپتىمەن» دەيتتى. ئەمما بۇلار قاچان ياردەم تارقىتىلسا، دەرھال خەۋەر تېپىپ، ئەڭ بالدۇر كەلگەنلەردىن بولاتتى. ئەمما يەنىلا مائارىپ تەشكىلاتىنى يامان كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

9. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردى يېتىپ ئاشىدۇ. ۋەتىنىمىزدىكى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۈمىدى، كۆز-قۇلىقى بىزدە. سۇرىيەگە بارماڭلار، دائىش (ئىشىد)كە قوشۇلماڭلار» دېسە، «سەنلەر بىزنى جىھاد قىلىشتىن توستۇڭ» دەپ، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم، ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، ئىبراھىم داموللاملارنىڭ ماشىنىلىرىغا زىيان سالدى.

10. نامايىشقا كېتىۋاتقان كىشىلەرگە: «سىلەر مائارىپ تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا ماڭدىڭلارمۇ؟» دەپ، ھەيرانلىقتىن ياقىلىرىنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرۇپ، پىچىرلاپ دۇئا، ئايەت ئوقۇشۇپ، ئۆزلىرىگە سۈفلەپ كېتىدىغان ئادەملەر پەيدا بولدى.

11. بەزى كىشىلەر: «بىزگە ياردەم قىلىشمىدىڭ، بەرگەن پۇلۇڭلار يەتمىدى، سىلەرگە پۇل بېرىدىغان ئىدارىنى بىزگىمۇ كۆرسىتىپ قويۇڭلار» دېيىشتى، تور، مۇنبەرلەردە غالجىرلىشىپ ھالى قالمىدى، مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ غەلۋە قىلدى. بەزىلەر ھەتتا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخانىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ: «تىقىۋالغان پۇلنى چىقار! ماڭا نېمىشقا ياردەم قىلىشمايسەن» دەپ، پۈتۈن بىنانى بېشىغا كىيدى.

12. بەزى كىشىلەر ئى خ خ غا ئەرز قىلىپ بېرىپ، «سىلەر بەرگەن پۇلنى مائارىپ تەشكىلاتىدىكىلەر ئۆزلىرى بۆلۈشۈۋېلىپ، بىزگە بەرمىدى» دەپ دەۋا قىلدى. بۇ كىشىلەر كېيىنچە تەرەققى قىلىپ، فېيسبۇك قاتارلىق تورلاردا گۇرۇپپا قۇرۇپ، كوللىكتىپ ھالدا ئى خ خ غا بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى چاقىرتىلدى، ھېساب-كىتاپلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئى خ خ نىڭ بۈلەنت يىلدىرىم قاتارلىق باشلىقلىرى ھەيران قېلىپ: «سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بىزنىڭكىگە ئەجەب ئوخشايدىكەن، بىزمۇ مۇشۇنداق كىشىلەرنى رازى قىلىپ بولالمىدۇق، ئۈستىمىزدىكى پىتنە-پاساتلاردىن قۇتۇلالمىدۇق» دەپ ھال ئېيتتى ھەمدە ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق رەھبەرلەرنى چاقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ ھەرگىزمۇ گۇماندىن ئەمەس، شۇنداق كىشىلەرنىڭ كەلگەنلىكىدىن، ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، سەۋر قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

13. بۈگۈنگىچە داۋاملىق مائارىپ تەشكىلاتىدىن ياردەم ئېلىپ كېلىۋاتقان، ئەمما بەرگەن ياردەملەرگە ھېچقاچان رازى بولۇپ باقمىغان بىر قىسىم كىشىلەر جامائەت سورۇنلىرىدا، تور،مۇنبەرلەردە، ۋاتسئەپ توپلىرىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن مائارىپ تەشكىلاتىنى تىللايدىغان، رەھبەرلەرنى ھاقارەت قىلىدىغان، ئابرويىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان «پىكىر، ئىدېئولوگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى» قۇردى.

14. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتىنى تىللايدىغان بەزى كىشىلەر پەيدا بولدى. بۇلار مائارىپ تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇشنى «ئاللاھنى رازى قىلىپ جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى» قىلىۋالدى. بۇلار ۋەتىنىنى خىتاي بېسىۋالغان تۇرسىمۇ خىتاينى ئەمەس، ئامېرىكىنى تىللايتتى. خىتايدىن تاياق يەپ، قوپۇپ يەنە ئامېرىكىنى تىللايتتى. ئاتا-ئانىسى، خوتۇن-بالىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرىنى خىتاي ئاياغ ئاستى قىلسا، يەنە ئامېرىكىنى تىللايتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئېغىزى، تىلى «خىتاي» دېيەلمەيتتى. تور، مۇنبەرلەردە سۆزلەپ، خىتاي دېيىشنىڭ تەسلىكىدە چىڭقىلىپ، بۇغۇلۇپ تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى كاپىر، مۇشرىك، كۇپپارلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چىقاتتى-يۇ، ئېغزى، تىلى يەنىلا «خىتاي» دېيىشكە كەلمەيتتى. بۇ خىل كىشىلەر مائارىپ تەشكىلاتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئىشەنگەن، پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان كىشىلەرنى قولىدىن كېلىشىچە توسۇشنى، دۈشمەن كۆرۈشنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇۋالدى.

15. بەزى كىشىلەر ھەددىدىن ئېشىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاخىرى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ شەخسىيىتىگە، يەنى سېمىزلىكىگە قارشى مەيدانغا چىقتى. بۇ سېمىزلىك بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئاللاھ بەرگەن بۇ خىل كېسەللىكنى پۈتۈن دۇنيا دېگۈدەك بىلەتتى. ئۇلارچە بولغاندا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ كېلىشكەن، ئۆلچەملىك، نورمال بولماسلىقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان سالسا ياكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋەتسە كېرەك. ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يا سەھنىگە چىقىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان ئارتىس بولمىسا.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك پەلەستىننىڭ خاماس (Hamas) تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى ئەھمەد ياسىن (Ahmed Yasin، 1936-2004) چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان بىر پالەچ كىشى ئىدى. پەلەستىن خەلقى بۇ كىشىنى پەلەستىندە ئادەم تېپىلماي ئۆزلىرىنىڭ رەھبىرى قىلىۋالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىرادىسى، غايىسى ۋە خىزمەتلىرىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانى دەپ، ئۇ ئولتۇرغان چاقلىق ئورۇندۇقنى نەگىلا بارسا غۇرۇر بىلەن قوغداپ، ئاخىرقى مىنۇتلىرىغا قەدەر ھۆرمەتلەپ، خىزمىتىنى قىلغان ئىدى.

 يەنە دۇنياغا تونۇلغان ئەنگلىيەنىڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ستېۋېن خاۋكىڭ (Stephen Hawking، 1942-2018) چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان تامامەن پالەچ بىر كىشى بولۇپ، ھەتتا گەپمۇ قىلالمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ دۆلىتى، خەلقى ۋە ئالىملار ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئۇنى ھۆرمەت قىلدى، ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ خىجىل بولمىدى. دەل ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئالەمچە پەخىرلەندى. ئۇ ئۆلگەندە نۇرغۇن دۆلەتلەر تەزىيە بىلدۈردى.

دېمەك، باشقا دۆلەتلەر، مىللەتلەر، تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە، ئالىملىرىغا ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىغا، كېسەللىكىگە قاراپ باھا بەرمەستىن، ئۇلارنىڭ قىلغان خىزمىتىگە قاراپ باھا بېرىدىكەن، ھۆرمەتلەيدىكەن ۋە قوغدايدىكەن.

16. بەزى پىتنىچىلەر چېكىدىن ئېشىپ، ئاخىرى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىمنىمۇ چىشلەپ تارتىپ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى. ئېغىزغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلدى ۋە تۆھمەت قىلدى. مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر بولسا بىز بىلىدىغان، نەچچە ئوغۇل بالىغا تېگىشكۈسىز، ۋىجدانلىق، ئىمانلىق، پائالىيەتچان، قالتىس بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى، ئائىلىسى، ئۈچ پەرزەنتى بار پاك بىر ئايال ئىدى.

17. يېقىندا تۈركىيە پۇقرالىقىنىڭ گېپى چىقتى. مائارىپ تەشكىلاتى، ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئۇزۇندىن بۇيان يول مېڭىپ، بەكمۇ تەستە ئاز بىر قىسىم (مېنىڭ پەرىزىمچە تەخمىنەن 120 ئەتراپىدا) شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىنى تەستىقلاتقان ئىكەن. ئەسلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان سان بۇ ساندىن خېلىلا ئاز بولۇپ، بۇ سانمۇ ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى بىلەن ناھايىتى تەستە تەستىقلانغان ئىكەن.

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تەخمىنەن ئون مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى يوق. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، نوپۇسى چىقمىغان بىر قانچە كىشىنى بىلىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېھتىياجى بار. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى پەقەت 120 ئەتراپىدىكى كىشىنىڭ نوپۇسىنى تەستىقلاپتۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، قانداق قىلىپ بۇ ئون مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلغىلى بولىدۇ؟! بۇ 120 سان بىلەن ھەممە ئادەمنى رازى قىلىشنىڭ باشقا بىرەر ئۇسۇلى بارمۇ؟

ئەمما بەزى كىشىلەر ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، «مائارىپ تەشكىلاتى ئۆز يېقىنلىرىنى تىزىملىدى، ئۇلاردىن ئاشمىدى، بۇلارنىڭ نىيىتى زادى باشقا...» دېگەندەك زەھەرخەندە گەپلەرنى تارقاتتى.

ئىسلام دىنىدا ھەم ئىنسانىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ياردەم قىلىش ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن باشلىنىدىغۇ؟ ياردەمنى، ياخشىلىقنى يېقىن كىشىلىرىدىن باشلاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىغۇ؟ بۇنىڭ نەرى خاتا؟ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، تەشكىلاتلىرىمىزنى توغرا چۈشۈنىشىمىز كېرەكقۇ؟ بىزنىڭ مىللىتىمىز قاچاندىن باشلاپ بۇ دەرىجىدە ئىنساپسىز، بۇ دەرىجىدە شەخسىيەتچى بولۇپ كەتتى؟

 ئەسلىدە مائارىپ تەشكىلاتى بولسۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى بولسۇن، بۇ نوپۇسقا تىزىملاش ئىشىنى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن، يېقىنلىرىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشلىمىدى. دەل ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ تىزىملىدى. دەرھال نوپۇسى چىقمىسا بولمايدىغان مۇھىم كىشىلەرنى، بۇرۇندىن ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقىنىغا ئالدى 20 يىلدىن ئاشقان، كەينى 8-10 يىل بولغان بولسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن نوپۇسى چىقمىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن مۇھىم بولغانلىرىنى تىزىملىدى. بۇ نوپۇسقا تىزىملاش ئىشى مانا مۇشۇنداق بولدى.

مېنىڭ بىلىشىمچە قۇرئان كەرىمدە «ئاللاھ بەندىسىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ» دېگەندەك مەزمۇندا ئايەت بار. گەپنىڭ قىسقىسى، مائارىپ تەشكىلاتى بولسۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى بولسۇن، قولىدىن كەلگەننى، كۈچى يەتكەننى قىلىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىر ۋەتەننىڭ دەۋاسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قەددى-قامىتى كېلىشكەن بولۇش بىلەن، گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق شوئار توۋلاش بىلەن، سېمىزلىك كېسىلىدىن نومۇس قىلىش بىلەن، مەنمەنچىلىك، شەخسىيەتچىلىك بىلەن، ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا كۆز يۇمۇش ياكى خۇپسەنلىك قىلىپ، بىلمەس بولۇۋېلىش بىلەن ھەل بولىدىغان دەۋا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بەزى كىشىلەرنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1. «تارقىتىلغان ياردەمنى ئېلىۋېلىڭ» دەپ تېلېفون قىلسا، باشقا كىشىلەرگە خەۋەر قىلماي ئۆزى كەلگەن بولسا.

2. تارقىتىلغان ياردەمنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، بالىلىرىنى باشقا ئىسىم، باشقا تېلېفون نومۇرى بىلەن ئەۋەتمىگەن بولسا.

3. بەزى كىشىلەر ياردەم تارقاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپلا، «مائارىپ تەشكىلاتى ياردەم تارقىتىپتۇ، دەرھال بېرىپ ئېلىۋېلىڭلار» دەپ، تور، مۇنبەر، ۋاتسئەپ توپلىرىدا ئېلان قىلمىغان بولسا. چۈنكى مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ قولىدا يېتەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بولسا، مەسئۇل كىشىلەر تەرىپىدىن «ئىستىقلال خەۋەرلىرى»دە ھەمدە فېيسبۇك قاتارلىق ھەر قايسى تور، مۇنبەر، ۋاتسئەپ توپلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

4. ئۆزىنىڭ شەخسىي بىناسى بار، بىر قانچە يەردە ئىجارىگە بەرگەن ئۆيى بار كىشىلەر ئۆزىنى ئېھتىياجلىق كىشى قىلىپ كۆرسىتىپ، تارقىتىلغان ياردەمنى ئېلىۋالمىغان بولسا.

5. ئۆيلىرىدە نەچچە تۇڭ ماي يىغىلىپ كېتىپ، ئىشلىتىپ بولالماي ئەچىقىپ سېتىۋاتقان كىشىلەر «مەنمۇ ئېھتىياجلىق» دەپ كېلىۋالمىغان بولسا.

6. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىق ياردەم ئېلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ياردەم ئېلىشنى كەسىپ قىلىۋالمىغان بولسا.

7. تارقىتىلغان ياردەمنى ئالالىسا خۇش بولۇپ، ئەگەر ياردەم يەتمىسە ياكى ئاز بېرىلىپ قالسا بىراقلا ئۆزگىرىپ، مائارىپ تەشكىلاتى ۋە ياردەم قىلغۇچىلارنى تىللىمىغان بولسا.

8. بەزى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل سورۇنلاردا «ياردەم بەرمىدى، يەتمىدى، ئاز بەردى، يەۋالدى» دېگەندەك پىتنىلىرىنى ئاڭلىغان كىشىلەر شۇ ئادەمگە تېلېفون قىلىپ ياكى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسا. چۈنكى بۇ ناھايىتى مۇھىم خىزمەت.

9. خېلى كۆپ ساندىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەقىقەتەن ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزى كىشىلىرىمىز زاكات، سەدىقە، ياردەم دېگەندەك پۇللىرىنى تۈركىيەنىڭ جەمئىيەت، ۋەقفە ۋە ھەرقايسى جامائەتلىرىگە بەرمەي، ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بەرگەن بولسا.

10. بەزى كىشىلىرىمىز رامىزان ئايلىرىدا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا بەرگەن زاكات، سەدىقە ۋە ياردەملىرىنى ئۆزى شەخسىي تارقاتماي، تەشكىلاتلىرىمىزغا بەرگەن بولسا. چۈنكى مۇشۇنداق قىلسا تەشكىلاتلىرىمىز تېخىمۇ بەك كۈچلىنىدۇ. تەشكىلاتلىرىمىز ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق ياردەم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ياردەملەرنى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزىدۇ. ئۇ كىشى ياردەملىرىنى تەشكىلاتلىرىمىزغا بەرسە، ئاللاھنىڭ بېرىدىغان ساۋابى ھەرگىزمۇ كېمىيىپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ نىيىتىمىزنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلق جەمئىيىتى ۋە رەھبەرلىرى قانداقتۇر تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان تەشكىلات ياكى كىشىلەر بولماستىن، غايە، مەقسەت ۋە نىشانى ئېنىق بولغان، يىلتىزى تاكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ تۇتىشىدىغان بىر تەشكىلاتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ غەرەزلىك ھالدا ياكى ئاڭسىزلىق بىلەن پىتنە تارقىتىشى بۇ تەشكىلاتنى غايىسىدىن، يولىدىن توسۇپ قالالمايدۇ.

بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە كۈچىدىن ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما بىز 70 يىلدىن بۇيان ۋەتىنىمىزنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويۇپ، خانۇ ۋەيران بولۇپ ياشاۋاتقان بىر مىللەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، دەردىمىز ناھايىتى چوڭ، قىيىنچىلىقلىرىمىز كۆپ ۋە بەكمۇ ئېغىر بولغاچقا، قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە ھەرخىل ياردەملەر كۆزگە كۆرۈنمەيۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق يېتەرسىز قېلىۋاتىدۇ. ئاينىڭمۇ يۈزىدە دېغى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ، بەزى يېتەرسىزلىكلەرنى توغرا چۈشىنىشى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ھەمدە رەھبەرلەرنىڭ خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىگە قارىتا كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇپ، قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى قوللىشى ھەمدە يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىشى ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.

 

 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ