ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ب د ت يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-02 14:20:53 جەمئى 1412 قېتىم ئوقۇلغان.

ب د ت يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ب د ت يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا 23-ئاپرېلدىن 3-مايغىچە داۋاملىشىدىغان ب د ت يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا ئېچىلغان ب د ت يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىگە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى»غا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، تىل ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ، خىتاي ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى جازا لاگېرلىرىغا سەۋەبسىز قامىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەندىن باشقا، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەۋاتقاندا، ب د ت دىكى خىتاي ۋەكىللىرى ئۇنى «تېررورچى» دەپ تۆھمەت قىلىپ، سۆزلىرىگە قارشى چىقىشقا ئۇرۇنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ