ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تارىخىي مىراسلىرىمىزنى قوغداش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-26 10:29:45 جەمئى 1126 قېتىم ئوقۇلغان.

تارىخىي مىراسلىرىمىزنى قوغداش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى


تارىخىي مىراسلىرىمىزنى قوغداش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ 70يىللىق ئاسارەت تارىخىدا مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىللەت سۈپىدەت يوق قىلىش، دىنىي مىراسلىرى، مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئېتنىك كۈلتۈرلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسى، قۇربان بىرىشلىرى سەۋەبىدىن ئاز بىر قىسىم مىراسلىرىمىز ساقلىنىپ قالغان ئىدى. خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى يىقىنقى يىللاردىن بىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە غالجىرلىشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوق قىلىشنى مەخسەت قىلغان ئاساستا مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى جازاكاگىرلىرىغا قاماپ يوق قىلىشقا باشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە تارىخىي مىراسلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆيلىرى بولغان جامى-مەسچىتلەرنى يىقىشقا باشلىدى. يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە مىڭلارچە مەسچىتنى يىقىپ تاشلىدى، ئاخىرقىسى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كېريە ناھىيسىنىڭ 800يىللىق تارىخقا ئىگە كېريە جامىيسىنى يىقىپ تاشلىغانلىقى دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاندى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەتىنىز شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي مىراسلىرىمىز بولغان مەسچىتلەر نىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يىقىپ تاشلىنىشى ھەققىدە يالغۇز تەشۋىقات ساھە لىرىدىلا ئەمەس كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا دوكلاتلارنى سۇنۇش ئارقىلىق نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەت ھەمدە ئىسلامىيەتكە قارشى ۋەھشى جىنايىتىنى توسۇپ قېلىشتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاجىز كالگەن بولسىمۇ دۇنياجامائەتچىلىكى بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماسلارنى سۇنۇپ كەلدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىللەت سۈپىتىدە يوقۇتۇپ ئىشغالىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە قاراپ مېڭىشى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق جىنايەت بولۇپ، ئاللاھ بۇنداق زۇلۇمنى راۋا كۆرمەيدىغانلىقىغا ئىمانىنىز كامىل، دۇنيا جانامەتچىلىكى بولسا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتتۇر.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا شەخسىي ۋە تەشكىلاتلار مەسچىتلەرنىڭ يىقىلىشىغا قارىتا ھازىرقى نارازىلىقلىرىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ دۇنيا جانائەتچىلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلار نى ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ئېغىرلىقىنى ئىشقا سېلىپ بۇ زۇلۇمنى توختۇتۇشقا ھەسسە قوشۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ