ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تالىبان بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-11 15:21:19 جەمئى 898 قېتىم ئوقۇلغان.

تالىبان بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولدى

تالىبان بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولدى

10- ئاپرېل ئانادولۇ ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولشىچە، ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە ئىلگىرلەش بولغانلىقى بلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە، ئافغانىستان ئالىي كېڭەش باشلىقى مۇھەممەد كەرىم خەلىلى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ،  ئافغانىستاندىكى تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرى ۋە مۇزاكىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇزاكىرلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھاكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىمۇ تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى باشلىنىدىغانلىقىنى، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىش بىلەن تەڭ تىنچلىق يولىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىنى بۇنىڭ پات ئارىدا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، تالىبان ۋەكىللىرىنىڭمۇ بىۋاستە ئافغانىستان دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشتا كېچىكمەسلىكى كېرەكلىكىنى بلدۈرگەن.

خەۋەردە كەرىم خەلىلى يەنە، تالىبان رەھبىرى موللا ھەيبەتۇللاھ ئاقھۇنزادەگە مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى ۋە مەكتۇبنىڭ جاۋابىنىمۇ ئالغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق پىكرى ئۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولۇپ، ئالدىنقى ئاي رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشنىڭ 2  قېتىملىقى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇچرىشىشلاردا تىنچلىق مەسىلىسىنى ئورتاق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشچانلىق قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھېچقاچان بۇزۇلۇپ باقمىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئاڧغانستانغا قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن كۆپ رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ