ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۆگىلەر نەگە كەتتى

تۆگىلەر نەگە كەتتى

ئەزىز نەسىن

(ئابدۇسەمەد ئىمىن كۆك تېكىن تەرجىمىسى)

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دەركىن مەلۇم رايوننىڭ مال دوختۇرخانىسىغا مۇدىر بولۇپ تەقسىم قىلىندى. بۇ ياش سىتۇدېنت يېڭى خىزمەت ئورنىغا كېتىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل خىيالىي دۇنياسىغا چۆمدى. بىراق بېرىپ كۆردىكى، بۇ بىر بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان قاقاس جاي ئىدى. بۇ نەس باسقان جايغا كەلگەنلىك، ئېنىقكى سۈرگۈن قىلىنغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى.

 ھەرقانچە ئۈمىدسىزلەنگەن بىلەنمۇ خىزمەتنى يەنىلا ئىشلەش كېرەكتە. دەركىن كاتىپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئاۋۋال بۇ يەردىكى چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋا سانىنى ئىگىلەپ كۆرمەكچى بولدى. كاتىپ سەمىمىيلىك بىلەن:

- ھۆرمەتلىك مۇدىر، بۇ رايوندا ھېچقاچان چارۋىچىلىق رايونى بولغان ئەمەس، ھازىرمۇ بىرەر كالا ياكى قوينىمۇ تاپالمايسىز، - دېدى. دەركىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى:

- چارۋا بولمىسا بىز مال دوختۇرلىرى بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىمىز؟

كاتىپ تەمكىنلىك بىلەن:

- چارۋىنىڭ يوقلۇقى بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، سىز ناھايىتى تېزلا بىلىپ قالىسىز، - دېدى.

دوكلات يوللىنىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى. دەركىن شۇندىلا بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. كاتىپ كونا ئۈستەلدىن ئىككى پارچە ماتېرىيالنى ئالدى. ئۇنىڭ بىرى ئالدىنقى ئايلىق دوكلات، يەنە بىرى مۇشۇ ئايدا يوللىنىدىغان دوكلات ئىدى. دەركىن ماتېرىيالنى قولىغا ئېلىپ، ئېغىزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى. دوكلاتتىكى بېقىلغان تۆگە سانى توپتوغرا 9076 تۇياق بولۇپ، بۇ يەردىكى ئادەملەردىنمۇ كۆپ ئىدى. ياش مۇدىرنىڭ ئەجەبلەنگەن تۇرقىنى كۆرگەن كاتىپ چۈشەندۈردى:

- ئالدىنقى ئايدىكى تۆگىنىڭ سانى 8900، سويۇلغان ۋە ئاغرىپ ئۆلگەنلەرنى چىقىرىۋەتكەندە، يېڭى ئەي بولغان تۆگىنىڭ سانى 176 بولۇشى مۇمكىن.

- نېمىشقا 170 ياكى 180 بولمايدۇ؟

- پۈتۈن سان كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ. يۇقىرى رەھبەرلىك بىزنى «سان-سىفىرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ياخشى» دەپ تونۇسىلا بولغىنى، ھۆرمەتلىك مۇدىر.

- بىراق بۇ يەرنىڭ كىلىماتى تۆگە بېقىشقا زادىلا ماس كەلمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ قورقماي بۇنداق خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشكە پېتىندىڭلار؟

- بۇ مەسىلىنى مەنمۇ ئويلىغان. راستىمنى دېسەم، مەن بۇ يەردە بىر ئۆمۈر تۇرغان بولساممۇ، تۆگىنىڭ تۈكىنىمۇ ئۇچراتقىنىم يوق. بىراق بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن. 20 يىل ئىلگىرى مەن بۇ خىزمەتنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدىلا دوكلاتتا 350 تۇياق تۆگە بار ئىكەن. قېرىلارنىڭ دېيىشىچە نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بىر ياز كۈنى بىر تۈركۈم تۆگە سودىگەرلىرى بۇ جايدىن ئۆتكەن ئىكەن. بىر سودىگەر كېسەل بولۇپ ماڭالماي قالغان ئۈچ تۆگىسىنى بۇ يەرگە تاشلاپ قويغان ئىكەن، ئۇزاققا بارماي بۇ تۆگىلەر ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بىراق شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بىزنىڭ دوكلاتتا تۆگە توغرىسىدىكى مەلۇمات بولغان ئىكەن. سىز بىلىسىز، تۆگىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق شۇنچە ئۇزۇن يىلدا كۆپىيىپ، 8900 تۇياققا يېتىشى نورمال ئىش.

- ئەگەر يۇقىرىدىن تەكشۈرۈپ كېلىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟

- سىز بەك ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىپسىز. يۇقىرىدىكى ئەپەندىم بەك ئالدىراش، بۇ يەرگە كېلىپ بىر قاچا تاماققا ئېغىز تېگە-تەگمەيلا، بىر يىغىن بىلەن دەرھال باشقا ياققا كېتىپ قالىدۇ. شەخسەن ئۆزى كېلىپ چارۋا سانىنى تەكشۈرىدىغانغا زادىلا ۋاقتى يوق. سىزمۇ ئۆستۈرۈلۈپ يۇقىرىغا چىقىپ قالسىڭىز مۇشۇنداق بولىدۇ، ھۆرمەتلىك مۇدىر.

دەركىن كەچتە زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئۇ مىنىستىرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا دېگەن سۆزىنى ئەسلىدى. مىنىستىر سۆزىدە ياشلارنىڭ خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇشىنى، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشىنى، ناچار خاھىشلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. بىراق ساختا مەلۇمات 9076 تۆگە، ئەجەبا بۇ ناچار خاھىش ئەمەسمۇ؟ شەكسىز جىنايەت ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن ھەرگىزمۇ ئالدىنقى مەسئۇللارغا ئوخشاش ئەخمەق ئەمەس، بۇنداق بىمەنە ئىش ماڭا كەلگەندە چوقۇم تۈگىشى كېرەك!

ئەتىسى دەركىن ئىشقا چىقىپلا كاتىپنى چاقىرتىپ، دوكلاتنى قايتا يازغۇزۇپ، كاتەكچىدىكى سانلارنى ئۆچۈرگۈزۈۋەتتى.

- بىراق...

كاتىپ ئېغىز ئېچىشىغىلا دەركىن توختىتىپ قويدى:

- مەن دېگەندەك قىلىڭ، ئەپەندى.

كاتىپ ئامالسىز بېشىنى چايقاپ قويدى. 9076 تۆگە ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا بىردەمدە غايىب بولدى.

دوكلات مىنىستىرلىككە ئەۋەتىلىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، دەركىن تېلېفون ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. مىنىستىر ئۇنى چاقىرتقانىدى. دەركىن ھاياجان ئىچىدە يولغا چىقتى، كۆڭلىدە مىنىستىرنىڭ ئۆزىنى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئويلاپ تاپالمىدى. ئۇنى بۇ نەس باسقان جايدىن يۆتكىۋەتكەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

مىنىستىرنىڭ ئىشخانىسىغا خۇشال كىرىپ كەلگەن دەركىن ئىشلارنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىدى. مىنىستىر ئۈستەلنىڭ ئالدىدا غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا ھومىيىپ تىكىلىپ تۇراتتى. دەركىننىڭ تېنى جۇغۇلداپ كەتتى، ئۇ نېمە ئىشنى خاتا قىلىپ قويغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى. مىنىستىر ئۇنى يەۋېتىدىغاندەك بىردەم تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن، غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى:

- تۆگىلەر نەگە كەتتى؟

دەركىن قورققىنىدىن نېمە دېيىشنى بىلەلمىدى ۋە بىرھازادىن كېيىن قايمۇققان ھالدا:

- مىنىستىر ئەپەندىم، تۆگە... ئۇ يوق، - دېيەلىدى.

مىنىستىر غەزەپتىن چىچاڭشىپ كەتتى:

- يوقال ئەبلەخ! بىر ئەمەس، ئون ئەمەس، يۈزمۇ ئەمەس، توپتوغرا 8900 تۇياق. سەن ئۇنچىۋالا كۆپ تۆگىنى نەگە ئىشلىتىۋەتتىڭ؟

دەركىن مىنىستىرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشىنىپ، ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، ئېغىزىنى ئەمدى ئۆمەللىشىگە، مىنىستىر تاقەت قىلىپ تۇرالماي، غەزەپ بىلەن قولىنى شىلتىدى:

- چۈشەندۈرۈشۈڭنىڭ كېرىكى يوق. ماڭا پەقەت تۆگە بولسىلا بولدى. بىراقلا 8900 تۆگە يوقاپ كەتسە، باش مىنىستىر مېنى يەۋېتىدۇ. لېكىن مەن ئاۋۋال سېنى يەۋېتىمەن. ئۇقتۇڭمۇ، دۆت ئېشەك!

دەركىن روھى چۈشكەن، ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا ۋەيرانە ئىشخانىسىغا قايتىپ كەلدى. كاتىپ ئۇنىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاتىرجەم ھالدا:

- جىددىيلەشمەڭ مۇدىر ئەپەندى، بىز تولۇقلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلەيمىز، - دېدى. ئارقىدىنلا كاتىپ دەركىننىڭ ئىمزاسىدا مىنىستىرلىككە جىددىي بىر تېلېگرامما يوللىدى. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر ئالىيلىرى، كاتىپنىڭ بىخەستەلىكى سەۋەبىدىن رايونىمىزدا 9476 تۆگە كەم يېزىلىپ قاپتۇ. ئالدىنقى ئايدا بىزدە بارى 8900 تۆگە، بۇ ئايدا ئەي بولغىنى 576 تۆگە. كېلەر ئايدا تۆگىلىرىمىز ئون مىڭدىن ئاشىدۇ. سىزگە سەمىمىي ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز!»

يىل ئاخىرى دەركىن تەڭشەش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. پويىزنىڭ دېرىزىسىدىن دەركىن بىلەن خوشلىشىۋاتقان ياشانغان كاتىپ ئۇنىڭغا:

- ھۆرمەتلىك مۇدىر، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن. سىز مەن ئۇزىتىپ قويغان 20-نۆۋەتلىك مۇدىر بولۇپ قالدىڭىز، - دېدى.

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016.08.28


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ