ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۇلپارنىڭ ئېشەككە ئايلىنىشى

تۇلپارنىڭ ئېشەككە ئايلىنىشى
ئاپتورى: باراتجان ئىبراھىم 

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بىر ئېلېكتىرون شىركىتىدە خېلى ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ئىدىم. بىراق شىركەت دىرېكتورى تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا باشقا ئادەم ئولتۇرغاندىن كېيىن مەن ئىشتىن ھەيدەلدىم. سەۋەبى بولسا يېڭى دىرېكتور ناھايىتى ھاكاۋۇر، ماختانچاق ئادەم ئىدى. مەن ئەزەلدىن خۇشامەتچىلىكنى ياقتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىپ، «خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقالمىدى» دېگەن باھانە بىلەن ئىشتىن بوشىتىلغان ئىدىم. بۇ ئىشلارغا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە گېزىتتىن بىر ھېكايە ئوقۇپ قالدىم. ئۇ ھېكايە ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلغاچقا، سىلەر بىلەن تەڭ بەھرىلىنەي دەپ ئويلىدىم. ھېكايە مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ئادەمنىڭ نۇرغۇنلىغان قىممەت باھالىق تۇلپارلىرى ۋە نۇرغۇن ئېشەكلىرى بار بولۇپ، ئاتلىرى بىلەن ئېشەكلىرىنىڭ ئېغىلى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئىكەن. ئۇ ئادەم ئاتلىرىغا قوناق، ئارپا ۋە ياخشى ئوت-چۆپلەرنى بېرىدىكەن. ئېشەكلىرىگە بولسا پەقەت قۇرۇق سامانلا بېرىدىكەن. ئېشەكلەر بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئاتلارغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارايدىكەن.

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئادەمنىڭ ھال-ئەھۋالى ناچارلىشىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئادەم ئاتلىرى ۋە ئېشەكلىرىگە ئوخشاش سامان بېرىدىغان، قوناق، ئوت-چۆپلەرنى كۆپ ئىش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە بېرىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېشەكلەر خوجايىنى ھەرقانداق ئىشقا بۇيرۇسا بەس-بەستە جان-جەھلى بىلەن ئورۇنداشقا باشلاپتۇ. لىكىن ئاتلار بولسا ئىگىسىنىڭ ئۆزلىرىنى ئېشەكلەر قىلىدىغان ئىشقا بۇيرۇغانلىقىدىن ئاغرىنىپ، ھېچقايسىسى ئېشەكلەردەك ئىشلەپ، خىزمەت كۆرسىتىشنى خالىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يەم-خەشەكلەرنى پەقەت ئېشەكلەرگىلا بېرىپ، ئاتلارغا ئاز-تولا قۇرۇق ساماندىن باشقا ھېچنېمە بەرمەپتۇ.

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېشەكلەر ياخشى يەملەرنى يەپ راسا سەمرىپتۇ. لېكىن ئاتلار بولسا خوجايىنىنىڭ ئۇلارغا قىلغان زۇلمىدىن ئورۇقلاپ، بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ، ھەتتا بەزىلىرى يېرىم جان ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئاتلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى ئېشەكلەرنىڭ ئېسىل يەم يېگىنىنى كۆرۈپ پەقەتلا چىدىيالماي، ئاخىرى «بۇنچە قىينىلىپ ياشىغۇچە، بەرىبىر ئات دېگەن قۇرۇق ئاتاققا ھېچنېمە كەلمىگەندىكىن، ئېشەك بولسام نېمە بولۇپتۇ! پەقەت شۇ ئېشەك نېمە ئىش قىلسا شۇنى قىلسام، خىزمەت كۆرسەتسەملا ياخشى نەرسىلەرنى يېيەلەيدىكەنمەن. بۇ بۇنچە قىينىلىپ ياشىغىنىمدىن ياخشى، بولدىلا ئېشەك بولسام بولاي» دەپ ئويلاپتۇ.

ئەتىسى خوجايىن ئېشەكلەرنى ئىشلەتكىلى ئېلىپ ماڭغاندا ھېلىقى ئاتمۇ ئۇلار بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلەپ، خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئېشەكلەر ئارىسىدا ياشاپ، ئۆزىنىڭ ئات ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ، ھەتتا تەقى-تۇرقىمۇ ئېشەكلەرگە ئوخشاپ، پەرقلەندۈرگىلى بولمىغۇدەك بولۇپ كېتىپتۇ.

بىر كۈنى ئۇ بىر ئاتنىڭ خوجايىنىنىڭ يامان گېپىنى قىلغىنىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنى خوجايىنىغا مەلۇم قىلىپتۇ. خوجايىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇ ئاتنى ئېغىر جازالاپتۇ ھەمدە ھېلىقى مەلۇم قىلغان ئاتنى، ياق، «ئاتتىن ئۆزگەرگەن ئېشەك»نى مۇكاپاتلاپ، ئۇنىڭغا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئېشەك» دەپ نام بېرىپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ مۇنەۋۋەر ئېشەك بۇرۇن ئۆزى بىر ئېغىلدا ياشىغان ئاتلارنى ئۆزىگە ئوخشاش ئېشەك بولۇشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئېشەك بولۇپ خىزمەت كۆرسەتسە مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خىزمەت ئىشلەشكە باشلاپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەزى ئاتلار ئۇنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ، ئېشەك بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ. بەزى ۋىجدانلىق ئاتلارنىڭ ئېشەك بولغۇسى كەلمەي، ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە باشلاپتۇ . كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ، ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئاتلارنى كۆرگەن باشقا ئاتلار ئامالسىز ئېشەك بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ھەممىسى ئېشەكلەر قاتارىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن «قېچىر» دېگەن نام پەيدا بوپتۇ.

 شۇنداق، بۇ ھېكايىدە ئېيتىلغاندەك، رېئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ ھەقىقەتەن ئاشۇنداق ئادەملەر ئاز ئەمەس. ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەتراپىمدىكى نۇرغۇنلىغان «تۇلپار، دۇلدۇل»لارنىڭ ئېشەككە ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.

كۆر ئېشەككە باش بولسا گەر تۇلپار،
مادا ئېشەكمۇ گوياكى تۇلپاردەك چاپار.
گەر تۇلپارغا بولسا ئېشەك سەردار،
تۇلپارلارمۇ خۇددى ئېشەكتەك بولار.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ