ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى مۇقەددىساتىنى ھىمايە قىلدى

تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى مۇقەددىساتىنى ھىمايە قىلدى
تۈرك دۇنياسى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 8-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نىڭشيا مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ مەسجىد چېقىشىغا قارشى قوزغالغان.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نىڭشيا Veycou يەرلىك دائىرىلىرى  600 يىللىق تارىخقا ئىگە جامەنى يىقىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ھەرخىل چەكلىمىلىرىگە سەبىر قىلغان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ سەۋر-تاقىتى توشۇپ، جامە ئەتراپىغا كەڭ كۆلەملىك يىغىلىپ قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن ئاممىنى قوراللىق قورشاپ ھەيۋە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ جامەدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئورۇننى تېنى بىلەن ھىمايە قىلىپ، جاسارەت بىلەن قوغدىشى نەتىجىسىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جامەنى يىقىتىش قارارىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ