ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-30 16:29:18 جەمئى 2527 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇردى

30-ئاپرېل ئىستانبۇل باغچىلارنىڭ يېپىق تەنتەربىيە زالىدا 5-قېتىملىق تۈرك دۇنياسى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىغا ۋاكالىتەن بالىلارنى تەشكىللىدى. مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن پەرزەنتلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىملىكىنى نامايەن قىلدى.
29-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH)نىڭ تەكلىپى بىلەن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك باشلانغۇچ مەكتەپ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
30-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان يەنە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ يالاۋودىكى شۆبىسى تەشكىللىگەن «ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى تونۇشتۇردى.
29-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىستانبۇل ئۆزيېگىن ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللىگەن شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان مىللىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ