ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت (5)

تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت

(5) 

81. ئاھى ئەۋران ئۇنىۋېرسىتېتى (Ahi Evran Üniversitesi)

تۈركىيەنىڭ كىرشەھىر شەھىرىدە بولۇپ، 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Bağbaşı Mahallesi, Şht. Sahir Kurutluoğlu Cd. No: 100, 40100 Özbağ Belediyesi/Kırşehir Merkez/Kırşehir

ئوقۇغۇچى سانى: 20 مىڭ نەپەر (2018)

ئۇنىۋېرسىتېت تۈرى B- بولۇپ، خەلقئارادا 2371-ئورۇندا تۇرىدۇ.

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى سەكسەن بەشىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

82. ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى (Istanbul Bilgi Üniversitesi)

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بولۇپ، 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Emniyettepe Mahallesi, Kazım Karabekir Cd. No:13 D:2, 34060 Eyüp/İstanbul

ئوقۇغۇچى سانى: 29,373 نەپەر (2016)

ئۇنىۋېرسىتېت تۈرى  B-بولۇپ، خەلقئارادا 2438-ئورۇندا تۇرىدۇ.

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلىدىكى تىزىملىكتە يوق)

 

83. چانقىرى قاراتېكىن ئۇنىۋېرسىتېتى (Çankırı Karatekin Üniversitesi)

تۈركىيەنىڭ چانقىرى شەھىرىدە بولۇپ، 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى:Fatih Mahallesi, Uluyazı Kampüsü Ring Yolu, 18100 Çankırı Merkez/Çankırı

ئوقۇغۇچى سانى: 13,038 نەپەر (2015)

ئۇنىۋېرسىتېت تۈرى  B-بولۇپ، خەلقئارادا 2442-ئورۇندا تۇرىدۇ.

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى توقسان بىرىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

84. بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى (Bartın Üniversitesi)

تۈركىيەنىڭ بارتىن شەھىرىدە بولۇپ، 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Ağdacı Mahallesi, Ağdacı Köyü Yolu, 74110 Bartın Merkez/Bartın

ئوقۇغۇچى سانى: 15,563 نەپەر

ئۇنىۋېرسىتېت تۈرى  B-بولۇپ، خەلقئارادا 2471-ئورۇندا تۇرىدۇ.

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى توقسان ئىككىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

85. گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتى (Gümüşhane Üniversitesi)

تۈركىيەنىڭ گۈمۈشخانە شەھىرىدە بولۇپ، 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى:Bağlarbaşı Mah., 29100 Merkez/Gümüşhane Merkez/Gümüşhane

ئوقۇغۇچى سانى: 18,128 نەپەر (2016-2017)

ئۇنىۋېرسىتېت تۈرى  B-بولۇپ، خەلقئارادا 2478-ئورۇندا تۇرىدۇ.

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى توقسان توققۇزىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

86. ئىزمىر ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى (İzmir Ekonomi Üniversitesi)

تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە بولۇپ، 2001-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادرېسى: Fevzi Çakmak Mahallesi, Sakarya Cd. No:156, 35330 Balçova/İzmir

ئوقۇغۇچى سانى: ؟

ئۇنىۋېرسىتېت تۈرى  B-بولۇپ، خەلقئارادا 2488-ئورۇندا تۇرىدۇ.

(بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 2016-يىلى سەكسىنىنچى بولۇپ باھالانغان)

 

تۈركىيەدە 2017-يىلى جەمئىي 186 ئۇنىۋېرسىتېت بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 119ى دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، 67سى ۋەقىف ئۇنىۋېرسىتېتى دېيىلگەن. ئەمما يەنە بەزى مەنبەلەردە تۈركىيەدە جەمئىي 175 ئۇنىۋېرسىتېت بارلىقى يېزىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2016-يىلى فەتھۇللاھ گۈلەنگە (FETO) مۇناسىۋەتلىك بولغان 15 ۋەقىف ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاقىۋەتكەن. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا ھازىر تۈركىيەدە قانچە ئۇنىۋېرسىتېت بارلىقىنى ئېنىقلىيالمىدۇق.

تۈركىيەدىكى 186 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 1000 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىگە 15 ئۇنىۋېرسىتېت كىرەلىگەن. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى باھالاش ئۆلچىمىگە بىز يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇپ يازغان 86 ئۇنىۋېرسىتېت كىرەلىگەن. يۇقىرىقى 86 ئۇنىۋېرسىتېتتىن كېيىن تۈركىيە تەرىپىدىن تۆۋەندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەتكە تۇرغۇزۇلغان.

 

87. چاغ ئۇنىۋېرسىتېتى (Çağ Üniversitesi)

88. يالوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى (Yalova Üniversitesi)

89. بىتلىس ئۇنىۋېرسىتېتى (Bitlis Eren Üniversitesi)

90. مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى (Maltepe Üniversitesi)

91. مىمار سىنان گۈزەل سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتى (Mimar Sinan Güzel Sanatlar

Üniversitesi)

92. ئىستانبۇل كۈلتۈر ئۇنىۋېرسىتېتى (İstanbul Kültür Üniversitesi)

93. ئاماسيا ئۇنىۋېرسىتېتى (Amasya Üniversitesi)

94. ئوردۇ ئۇنىۋېرسىتېتى (Ordu Üniversitesi)

95. ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى (İstanbul Ticaret Üniversitesi)

96. مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ئۇنىۋېرسىتېتى (Mehmet Akif Ersoy Üniversitesi)

97. بىلەجىك شەيخ ئەدەبالى ئۇنىۋېرسىتېتى (Bilecik Şeyh Edebali Üniversitesi)

98. ئۇفۇق ئۇنىۋېرسىتېتى (Ufuk Üniversitesi)

99. باتمان ئۇنىۋېرسىتېتى (Batman Üniversitesi)

100. بىنگۆل ئۇنىۋېرسىتېتى (Bingöl Üniversitesi)

 

تۈركىيەنىڭ مائارىپ ئىدارىسى بولغان «Yükseköğretim Kurulu»(YÖK)نىڭ ئېلان قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ 2017-2018-ئوقۇش يىلىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 7 مىليون 560 مىڭ 371 نەپەر. بۇلاردىن 6 مىليون 963 مىڭ 903 ئوقۇغۇچى دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، 589 مىڭ 307 ئوقۇغۇچى ۋەقىف ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، 7161 ئوقۇغۇچى بولسا ۋەقىفلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ھۈنەر-كەسىپ (vakıf meslekyüksekokulları) مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا 87 مىڭ 863 ئەر ئوقۇتقۇچى، 70 مىڭ 235 ئايال ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ، جەمئىي 158 مىڭ 98 ئاكادېمىك ئوقۇتقۇچى خىزمەت قىلىدۇ.

 

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ