ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-30 16:25:03 جەمئى 620 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا
خەۋەر تۈرك تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئېگېي ئېكسپورتچىلار بىرلىكى (EIB) خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت تەڭپۇڭسىزلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن، مەخسۇس خىتاي گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققان.
خىتاي گۇرۇپپىسى بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ۋە تۆتىنچى ئايدا ئىككى قېتىم «نىشان بازار: خىتاي» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان.
ئېگېي ئېكسپورتچىلار بىرلىكىنىڭ كېلىشتۈرگۈچى مەسئۇلى جاك ئەسكىنازى تۈركىيەنىڭ خىتايغا قارىتا ئىمپورت مىقدارىنىڭ 21 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى، ئەمما ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئاران 3 مىليارد بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي بازىرىدىن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئېگېي ئېكسپورتچىلار بىرلىكى 2019-يىلىنى «خىتاي يىلى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، يىللىقى 300 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت مىقدارىنى بىر مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ