ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تەسۋىرلىگۈسىز جىنايەت داۋام قىلماقتا

تەسۋىرلىگۈسىز جىنايەت داۋام قىلماقتا

ئۆز خەۋىرىمىز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقىمىزنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن يوق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا كۆرە، سۈرەتتىكى بۇ كىشى ۋەتىنىمىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسى قوغاش يېزىسىدىن يەككە تىجارەتچى مەمەتتۇرسۇن ھاجىم بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ماي زاۋۇتى قۇرۇپ تىجارىتىنى كېڭەيتكەن. كىشىلەر ئارىسىدا ساخاۋەتلىكلىكى بىلەن تونۇلغان بۇ كىشى خىتاي ئىشغالچىلىرى تەرىپىدىن 2016 - يىلنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەت بولسا ئۇنىڭ 2004 - يىل ھەج قىلغانلىقى بولغان.

خىتاي ئىشغالچىلىرى بۇ كىشىنى شۇ تۇتقۇن قىلغانچە قويۇپ بەرمەي 2018 - يىل 5  - ئايدا يېڭىسار ناھىيىسى ئەگۈش يېزىسىدا يېڭىدىن سېلىنغان تۈرمىدە قىيىن قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە مېيىتىنىمۇ بەرمىگەن.

بۇ كىشى مەمتىمىن ئابدۇقادىر بولۇپ، يېڭىسار ناھىيىسى ئوردا ئالدى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋە خاتىپى بولۇپ، خىتاي بۇ مەسچىتنى 2014 - يىلنىڭ ئاخىرى چېقىپ تاشلىغاندىن كېيىن، يېڭىساردىكى چوڭ جامى دەرۋازا مەسچىتىگە ئىمام قىلغان. بۇ كىشىنىمۇ 2004 - يىل ھەج قىلدىڭ دېگەن باھانە بىلەن 2016 - يىلدىن باشلاپ ئاۋارە قىلىشقا باشلىغان ۋە ئۇنىڭ ساقال - بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ ھاقارەت قىلغان، بۇنىڭ بىلەنمۇ بولدى قىلمىغان خىتاي 2017 - يىل 03 - ئايدا تۇتقۇن قىلىپ 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان ۋە تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىگە قامىغان.

زالىم خىتاي جاللاتلىرى ئۇنىڭغا قىلغان زۇلۇملىرى يەتمىگەندەك ئۇنىڭ ئايالى نۇرئەلاخانىمنىمۇ ئېرىڭ بالا ئوقۇتقاندا ئۇ بالىلارغا تاماق ئېتىپ بېرىپسەن دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلغان ۋە قاتتىق قىيىن قىستاققا ئالغان ۋە 2019 - يىل 01 - ئايدا ئىگەللەنگەن ئۇچۇردا ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئېلىشىپ قالغانلىقى خەۋىرى كەلگەن بولسىمۇ 03 - ئاينىڭ 30  - كۈنى تۈرمىدە قىيىن قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىشەنچىلىك خەۋەر كەلدى.

زۇلۇم بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى... خىتاي ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇغۇپۇر مەمتىمىننىمۇ تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى يوق.

قىزى بۇخەلچەم مەمتىمىننى بولسا يولدىشى جېلىل مامۇت بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەت بولسا، ئۇلارنىڭ 4 پەرزەنتلىك بولغانلىقى بولغان. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە سىرتتا قالغان نارسىدە 4 بالىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

ئىگەللىشىمىزچە بۇخەلچەم مەمتىمىننىڭ يولدىشى جېلىل مامۇتنىڭ ئاكا - ئىنىلىرىمۇ بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ھېچقانداق ئىز دېرىكى يوق.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ