ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-04 11:12:41 جەمئى 484 قېتىم ئوقۇلغان.

تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

2-ماي شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتى نەجمىددىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «بۇ ئەسىرنىڭ مەزلۇمى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى پائالىيەت ۋە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
3-ماي شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH) سىۋاس شۆبىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن خەلق كىتابخانىسى يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
3-ماي شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر كۆك بايراق يەتتە ھىلال جەمئىيىتىنىڭ ئۆنجۈلەر كىتابخانىسى ۋە مەھمەت نىياز ئەلتۇگ ئاناتولىيە ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
2-ماي شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى  ۋە ئەنۋەر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ