ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تەشۋىقاتچىلارغا ئىككى خىل تەمىناتنىڭ لازىملىقى

تەشۋىقاتچىلارغا ئىككى خىل تەمىناتنىڭ لازىملىقى

ئىككىنچى: تەقۋالىق ئوزۇقى

ئۇ تەمىنات ئەلۋەتتە بىرىنچىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇ نۇر چىقىرىدىغان, يورۇقلۇق بېرىدىغان ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئوخشايدۇ.ئۇ مۇسۇلماننىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكىدۇر.شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ قۇرئاندا:«ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان,پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن)ئوخشاشمۇ؟» دەيدۇ . ( 1 )

يەنە:«ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر ئاللاھدىن قورقساڭلار, ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ, گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ». دەيدۇ( 2 )

يەنە:«ئوزۇق تۈلۈك ئېلىۋېلىڭلار, ئەڭ ياخشى ئوزۇق تۈلۈك تەقۋالىقتۇر,ئى ئەقىل ئىگىلىرى ماڭا تەقۋادارىلىق قىلىڭلار»دىدى.(3)

ئىسلامنىڭ ھەر بىر مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىدىغىنى تەقۋالىقتۇر. مۇسۇلمانلار تەقۋا بولسا ئىسلام مەزمۇت تۇرىدۇ. مۆمىنلەردىكى تەقۋالىق تەسىرگە ئۇچرىسا ئىسلام دىنىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.تەقۋالىق ئىستىلىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىدۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :كۆكرىكىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، تەقۋالىق بۇ يەردە دەپ ئىشارەت قىلغانئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:بەدەندە بىر پارچە گۆش بار,ئۇ تۈزۈلسە بەدەننىڭ ھەممە يېرى تۈزۈلىدۇ,ئۇ بۇزۇلسا بەدەننىڭ ھەممە يېرى بۇزۇلىدۇ, ئۇ بولسىمۇ يۈرەكدېگەنىدى ( 4 )

كۆڭۈل ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش, ئۇنىڭدىن قورقۇش بىلەن تۈزۈلگەن ۋاقتىدا ئەزالارنىڭ ھەركىتى تۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان ھارام ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. گۇمانلىق ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ.كۆڭۈل بۇزۇلسا ھاۋايى ھەۋەس ۋە شەھۋەتنى ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسى ئىگەللەپ كېتىدۇ, شۇ سەۋەپلىك ئەزالارنىڭ ھەركىتى بۇزۇلىدۇ .

كۆڭۈل پاك بولسا ئىشلار ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ قۇرئاندا:«ئى مۆمىنلەر!ئاللاھدىن قورقۇڭلار, توغرا گەپ - سۆزنى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ, گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ» دەيدۇ. ( 5 )

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىللىرىغا تەقۋالىقنى ۋەسىيەت قىلاتتى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئازغا:ئى مۇئاز!مەن سېنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشۇڭنى، راس سۆزلىشىڭنى, ۋەدىگە ۋاپا قىلىشىڭنى، ئامانەتنى ئادا قىلىشىڭنى، خىيانەت قىلماسلىقىڭنى، يېتىملارغا رەھىمدىل بولۇشۇڭنى، خوشنىدارچىلقنىڭ ھەققى ھوقۇقىنى قوغدىشىڭنى، ئاچچىغىڭ كەلسە ئۇنى يۈتۈشۈڭنى، يۇمشاق سۆز قىلىشىڭنى، باشىقىلاردىن بۇرۇن سالام قىلىشىڭنى، قۇرئاننى چۈشۈنۈشۈڭنى، ئاخىرەتنى ياخشى كۆرۈشۈڭنى، قىيامەتتىكى ھېساپتىن قورقۇشۇڭنى، ئارزۇ - ئۇمىدنى قىسقىراق قىلىشىڭنى، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. مەن سېنىڭ، مۇسۇلمان كىشىنى تىللىشىڭنى، يالغانچىغا ئىشىنىشىڭنى، راستچىل ئادەمنى يالغانچىغا چىقىرىۋېتىشىڭنى، ئادىل ئىمامغا ئاسىيلىق قىلىشىڭنى، ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىڭنى چەكلەيمەن. ئى مۇئاز! ھەر بىر دەرەخ ياكى تاشنىڭ قېشىدا بولغىن ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرغىن، گۇنا قىلىپ سالغان بولساڭ تۆۋبە قىلغىن, مەيلى ئاشكارا يەردە بولغىن ياكى يوشۇرۇن يەردە بولغىن ئوخشاشلا ئاللاھدىن قورققىن! دېگەن(6 )

يەنە ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:نەدىلا بولساڭ ئاللاھدىن قورققىن، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يۇغىن، كىشلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغىن دېگەن .

بۇ ئوزۇق تاسادىپى كېلىپ قالمايدۇ، ئۇ ھىممەت ۋە ئىرادىگە باغلىق ئىشتۇر. بۇ ھىممەت نەپسىدىن باشلىنىدۇ, ھەقىقى مۇجاھىد ئاللاھ يولىدا ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىدۇر. بۇ ئىش ئاللاھ پەرز قىلغان ئىشلارنىڭ لەززىتىنى ۋە راھىتىنى ھىس قىلىش ئۈچۈن ئۇ پەرزلەرنىڭ ۋاقتىغا رىئايە قىلىشتىن باشلىنىدۇ .

ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدە كەمچىللىك قىلىپ، ئۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلالمىسا كۆپلىگەن توغرا يولدىن بۇرۇلۇش ئەھۋاللىرى ۋە ھاۋايى ھەۋەسلەر ئىنساننىڭ نەپسىدىن باشلىنىدۇ. مەنىۋى بوشلۇق ئىنساننىڭ ئوڭ- سولغا قالايمىقان دەسسىشىگە ئۈندەيدۇ.

يوقۇرى ھىممەت بولسا,تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاللاھنىڭ رازلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.يوقۇرى ھىممەتلىك كىشلەر ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىدىغان ئىنسانلاردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام:ئاللاھ كاتتا، ئۇلۇغ ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنىسىز ئىشلارنى ياقتۇرمايدۇدېگەن.

چوڭ ئەقەبە بەيئىتىدە ئابباس ئەنسارىلارغا قاراپ:بۇ ئادەمگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)غا نېمە ئۈچۈن بەيئەت قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ سىلەر ئۇنىڭغا قارا ۋە قىزىل كىشلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بەيئەت قىلىسىلەر، ئەگەر سىلەرئۇنى ھەقىقى قوغدىيالايمىز دېسەڭلار بىللە ئېلىپ مېڭىڭلار، بولمىسا مۇشۇ يەردە قېلىپ قالسۇن، ئۆزىمىز ھىمايە قىلىمىز دېگەندە ئەنسارىلار: بىز ئۇنى ماللىرىمىزنىڭ مۇسىبتىگە ۋە شەرەپلىك كىشلىرىمىزنىڭ ئۆلۈمى ئۈستىگە قوبۇل قىلىمىز دېيىشتى. ئاندىن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا قاراپ: ئەگەر بىز ۋاپا قىلساق نېمىگە ئېرىشىمىز؟ دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا:جەننەتكە ئېرىشىسلەردەپ جاۋاب بېرىپ، ئۇلاردىن بىر بىرلەپ بەيئەت ئالدى.

مانا بۇ يۇقۇرقى ھىممەت تۈپەيلى ئىسلام بىلەن بۇددىزىم ئارىسىدىكى توقۇنۇش تارىخىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا بولدى.ئىسلام دۆلىتىنى مەدىنىدە تۇرغۇزۇشقا يول ئېچىلدى.

قۇرۇق ئارزۇ ۋە ئارماندىن ھەزەر قىلىش لازىمدۇر,چۈنكى ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ نەرسىسىدىن ئىبارەت. ھەسەن بەسەرى دىلنىڭ غەپلىتىدىن، چۈش ۋە قۇرۇق ئارزۇ - ئارمانلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:كىشلەرنى ئەمەلسىز گەپ - سۆز، سەۋرىسىز ئىلىم - مەرىپەت ۋە ئىشەنچىسىز ئىمان ھالاك قىلىۋېتىدۇ, ئادەم كۆپ، ئەقىل ئازدۇر .

ئېتىقاتىدا كۈچلۈك بولۇش، ئىمانىدا ئىشەنچىلىك بولۇش، مۇلايىملىق ئىچىدە ئىلىم - مەرىپەتلىك بولۇش، ئىلىم بىلەن مۇلايىم بولۇش ۋە سىلىق- سىپايىلىق بىلەن ئەقىللىق بولۇش مۆمىنلەر ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مۆمىن كشى داۋاملىق ئۆمەر ئىبنى خەتتابدەك بولشى لازىم.ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى:ھېساپقا تارتىلىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ھېساپقا تارتىڭلار، ئەمەللىرىڭلار تارازىغا سېلىنشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلار تارازىغا سېلىپ بېقىڭلار! .

تەشۋىقاتچى تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئېسىدىن تارتىپ چىقارماسلىقى كېرەك:

1 - ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھ يولىدىكى سەپىرىدە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىش لازىم. شۇ سەۋەپلىك قەلبىنى قاتۇرىۋېتىدىغان دەرىجىدە ئىسراپخورلۇق قىلىشنىڭ ياكى لەززەتلىنىشنىڭ ئورنى يوق. ئاللاھ بۇ ھاياتقىلا بېرىلىپ كېتىپ ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان بىر تۈركۈم كىشلەرنى غاپىللىق بىلەن سۈپەتلەپ، ئۇلارغا دوزاخ ئازابىنى ۋەدە قىلىپ:«بىز بىلەن ئۇچۇرشىشنى ئۇمىد قىلمايدىغان، دۇنيا تىرىكچىلىكى بىلەن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلارنىڭ بارىدىغان جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ بولىدۇ»دېدى. (7 )

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامئىمان نۇرى قەلىبگە كىرسە دىل ئېچىلىدۇ ۋە خۇرسەن بولىدۇدېگەندە،ساھابىلاردىن بىرسى:ئۇنىڭ بەلگىسى نېمە؟دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەغرۇرلىنىش يۇرتىدىن يىراق تۇرۇش، مەڭگۈلۈك يۇرتقا ئىنتىلىش، ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشتۇر دېدى .

2- گۇنا قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەش ۋە خارلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق بولۇش كېرەك. گۇنا دېگەن قاراڭغۇلۇق بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىتائەت قىلىشى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نۇرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ .

مۆمىن ئىنسان گۇنالىرىنى ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇۋاتقان يوغان تاغدەك كۆرىدۇ. مۇناپىق بولسا گۇنالىرىنى بۇرنىدىن چىۋىننى قورىۋەتكەنچىلىك كىچىك ئىش دەپ قارايدۇ. تەقۋا كىشىنىڭ ئالامىتى ئۇ داۋاملىق ئويغاق ۋە ھۇشيار بولىدۇ.ئاللاھ قۇرئاندا بۇ كىشلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ:«تەقۋادار كىشلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ-دە، ھەقىقەتنى كۆرىۋېلىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قۇتۇلىدۇ»دېدى.( 8)

شەيتان چوڭ دەرىجىدە ئازدۇرالمىسا كىچىك دەرىجىدە بولسىمۇ ئازدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:شەيتان سىلەرنىڭ بۇ زېمنىڭلاردا ئىلاھ سۈپىتىدە ئىبادەت قىلىنىشتىن ئۇمىدىنى ئۇزدى,لېكىن ئۇ سىلەر كىچىك ساناۋاتقان گۇنالار بىلەن رازى بولدىدەيدۇ .

بۇ ساھەدە تەشۋىقاتچى كىچىك گۇنالاردىن يىراقلىشىش ئارقىلىق چوڭ گۇنالاردىن قاتتىق ئىھتىياتچان بولىشى لازىم. تاغمۇ ئۇششاق تاشتىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ ئىشنىڭ بېشى تىلنى ساقلاش، سۆزنى ئۆلچەپ قىلىشتۇر،چۈنكى تىل ۋە دىل ئىدىيە بوش قالمىسا ئېزىپ كەتمىگەن بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:ئاللاھ سىلەرنىڭ دەپتىكەنمىش, دىيىلىپتىكەنمىش دېگەن سۆزۈڭلارنى، ئورۇنسىز سوئاللارنى كۆپ سورىشىڭلارنى ۋە ئىقتىساتنى ئەھمىيەتسىز ئورۇنلاردا زايا قىلىۋېتىشىڭلارنى يامان كۆرىدۇ دېگەن .

3 - داۋاملىق نەسىھەت قىلىش ۋە ئەسلىتىش مەيدانلىرىنى تېپىشقا ھېرىس بولۇش لازىم. دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنى ئەسلىسە ياردەم بىرىدىغىنى، ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغىنىدۇر.بۆرىمۇ توپتىن ئايرىلىپ قالغان قوينى يەيدۇتەشۋىقاتچى داۋاملىق بۇ مەسىلىگە جىددى نەزەر بىلەن قارىسۇن، ئىشلارنىڭ رۇخسەت تەرەپلىرىنى كۆپ ئالماي (ئەزىمە)ۋاجىب تەرەپلىرىنى كۆپ ئالسۇن. تەشۋىقاتچى رۇخسەت تەرىپىنى ئېلىۋالسا باشقا خەلق ئاممىسى نېمىنى ئالىدۇ؟ .


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ