ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-12 14:46:46 جەمئى 369 قېتىم ئوقۇلغان.

جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

12- ئۆكتەبىر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە،  جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئامېرىكىغا تاشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ بېلگىيەدە تۇتۇلغان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مەنسۇبى يەن جۇنشۇ ئىسىملىك خىتاي  پۇقراسى بېلگىيە تەرىپىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇ دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە ياشاۋېتىپ جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن باش كاتىپى جون دېمېرسنىڭ :«بۇ ئالاھىدە بىر ئەھۋالمۇ ئەمەس، چۈنكى بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى يولغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز.» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

ئالدىنقى كۈنلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ