ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرتلىك قويۇپ بېرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-03 18:32:51 جەمئى 456 قېتىم ئوقۇلغان.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرتلىك قويۇپ بېرىلدى

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرتلىك قويۇپ بېرىلدى

پۈتۈن ھاياتى بويىچە مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ھارماس پىداكار جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئۈستىدىن بۈگۈن 3-ماي ئىستانبۇل ئادالەت سارىيىدا سوت ئېچىلدى ۋە ئىككى يېرىم يىللىق نازارەت ھاياتى ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلدى.

 خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى ئورۇنسىز سەپسەتىلەر بىلەن قارىلاپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە شىكايەت قىلىپ سۇنغان ئەرزلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى سوت باسقۇچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ سىرتتا ئەركىن يۈرۈشى بىلەن داۋام قىلىدۇ. 

سوتچىلار ئالدىمىزدىكى سوت كۈنىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. 

ئابدۇقادىر ياپچان سوتتىن كېيىن ئادالەت سارىيى ئالدىدا ئۆزىنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن خەلقىگە ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا خىتاب قىلىپ:  

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتايىن ئەشەددى جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان 1.836.000 كىلومېتىرلىق زېمىن ئېكەنلىكىنى، ئۇ ۋەتەننىڭ ئىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى، ئىسلام بىلەن خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارغۇچە بۇ كۈرەشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورچى دەپ سەپسەتە سېتىشىنىڭ ئاساسسسىز ئىكەنلىكىنى، ھەقىقى تېرورچىنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ