ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خوراز بىلەن تۈلكە

خوراز بىلەن تۈلكە

(تەرجىمە ئەسەر)

ئامېرىكىدىكى ئىستراتېگىيە دەرسى

 

بۇ ئامېرىكا ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرس قىلىپ ئۆتۈلىدىغان بىر ھېكايە بولغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. ئوقۇغاندىن كېيىن «ئىستراتېگىيە دېگەن نېمە؟ قانداق قوللىنىلىدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىزگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرلەر يىغىن زالىدا رەتلىك ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىسىنى ساقلاۋاتقان ۋاقىتتا زالنىڭ چىراغلىرى ئۆچۈپ، بىر كارتون فىلىم قويۇلۇشقا باشلايدۇ. فىلىمنىڭ ئىسمى «كىچىك توخۇ».

فىلىمدە بىر توخۇ كاتىكى، كاتەكنىڭ ئىچىدە ناھايىتى كۆپ مېكيان ۋە ياش، كىچىك خورازلار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا كاتەكنىڭ قېرى چوڭ خورىزىمۇ بار. كاتەكنىڭ ئەتراپىدا بولسا بىر قېرى تۈلكىنىڭ ئايلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى.

قېرى چوڭ خوراز «تۈلكە كاتەكنىڭ ئىچىگە كىرىۋالمىسۇن» دەپ، ئىشىكىنى مەھكەم ئېتىۋالغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن سىرتقا چىقىپ دانلىرىنى يېيەلمىگەن توخۇلار بەكلا ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى. قېرى خوراز بولسا بۇلارغا ئۆلمىگۈدەك دەرىجىدە قوناق تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق توخۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايدۇ.

كاتەككە كىرەلمىگەن تۈلكە بىرھازا ئايلانغاندىن كېيىن، كاتەكنىڭ بىر بۇرجىكىدىن كىچىككىنە بىر تۆشۈك ئاچىدۇ. ئاندىن بىر ياش خورازنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بىر سىقىم قوناق بېرىدۇ. ئۇ خوراز كېلىپ قوناقنى يەيدۇ. ئەتىسىمۇ يەنە قوناق بېرىدۇ، ياش خوراز ئۇ قوناقنىمۇ يەيدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تۈلكە ئۇ ياش خوراز يالغۇز يەپ بولالمىغۇدەك قوناق ئېلىپ كېلىپ تۆكۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوراز قوناقلاردىن ئۆزى يېگەندىن باشقا، ئەتراپىدىكى باشقا توخۇلارغىمۇ تارقىتىپ بېرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كاتەكتىكى قېرى خورازنىڭ كۈچى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاشقا باشلايدۇ.

شۇنداق قىلىپ قېرى خورازنىڭ ئېتىبارى قالماي، ئەتراپىدىكى توخۇلار ئازىيىپ، ياش خورازنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان توخۇلار كۆپىيىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۈلكە كېلىپ، ئىشىكنىڭ ئالدىغا قوناق تۆكۈپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كاتەكتىكى توخۇلار ئىشىكنى ئېچىش-ئاچماسلىق توغرىلىق قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ. تەرەپدارلىرى كۆپىيىپ، سەمرىپ، بوي تارتىپ قالغان ياش خورازنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇتۇپ چىقىپ، قەپەسنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇ قوناقلارنى دەرھال كاتەككە ئەكىرىۋالىدۇ. بىر مەزگىل مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. ئەمما ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن توخۇلارنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشىدۇ. ئەمدى ھېچنىمىدىن قورقماس بولۇپ كەتكەن توخۇلار ئۇ ياش قەھرىمان خورازغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقىپ، تەييار قوناقلاردىن يەپ، خاتىرجەم ياشايدۇ.

بۇ ۋاقىتتا كاتەكتىكى توخۇلارنىڭ ھەممىسى سەمرىيدۇ. تۈلكە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كېچىدە كېلىپ، كاتەك ئالدىدىن ئۆزى ياشايدىغان ئۆڭكۈرگىچە قوناق چېچىپ قويىدۇ. ھېچنەرسىدىن خەۋپسىرىمەس بولغان توخۇلار ئەتىگىنى ئويغىنىپ قوناقلارنى كۆرگەندىن كېيىن، قورقماستىن، بىغەملەرچە قوناق يېگەچ، تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرىگە بارىدۇ. تۈلكە بارلىق توخۇلار ئۆڭكۈرگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشىكنى دەرھال تاقايدۇ.

كارتون فىلىم بۇ كۆرۈنۈش بىلەن تۈگەيدۇ. زالنىڭ چىراغلىرى يېنىپ، ئوقۇتقۇچى سەھنىگە چىقىدۇ ۋە «ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرى مانا مۇشۇنداق باشقۇرۇلىدۇ» دەپ دەرسىنى باشلايدۇ.

خۇلاسە ۋە جاۋابلار:

1. كاتەك نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

2. قېرى خوراز كىم؟

3. ياش خوراز كىم؟ ھازىر نېمە ئىش قىلىدۇ؟

4. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، تۈلكە كىم؟

 قېنى، ھېكايىنى ئوقۇغان بولساڭلار، سوئاللار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭلار.

* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *

ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايلى، خەلقئارادا دۆلەتلەرنىڭ دوستلىرى يوق، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى بار.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ