ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خوش-خەۋەر


خوش-خەۋەر
ئاتا-ئانىلار ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئىمام -خاتىپ ۋە ئىلاھىيەت كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مائارىپ بۆلۈمى ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئەقىدە دەرسلىكى ۋە ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى ۋە شەرىئەت بىلىملىرى بويىچە يېڭىدىن دەرس ئورۇنلاشتۇرماقچى. دەرسنى ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى ۋە شەرىئەت بىلىملىرىدە تەجرىبىسى بار ئوقۇتقۇچىلار ئۆتىدۇ. مەكتەپتە يەنە ئوقۇش شارائىتى يار بەرمىگەن خانىم- قىزلار ئۈچۈن (ياش چەكلىمىسى يوق )ئەقىدە ۋە ئىخلاس (ئىيمان)دەرسلىكلىرى ئورۇنلاشتۇرماقچى.
دەرس 4-ئاينىڭ 24 -كۈنى (چارشەنبە) باشلىنىدۇ.
مەكتىپىمىزدە مۇنتىزىم داۋاملىشىۋاتقان دەرسلىكلەردىن سەھىھۇل بۇخارى 1-2 - قىسم ،گرامماتىكا يىتەكچىسى ، دۇرۇسۇللۇغەت ،قائىدە نۇرانىيە ۋە مەلۇم بىر ئونۋېرسىتېتىنىڭ دەرىسلىكى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھەدىس كىتابى ، تۈرك تىلى A1 ، ماتېماتىكا ، ئۇيغۇر ئانا تىلى قاتارلىق دەرسىلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ. يېڭىدىن يەنە، ئىمام نەۋەۋىنىڭ « قىرىق ھەدىسنىڭ شەرھىسى» ناملىق كىتابىنى باشلىماقچى.
قىز -ئاياللارغا ئايال ئوقۇتقۇچىلار، ئوغۇللارغا ئەر ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتىدۇ، دەرسىلەر ھەقسىز.
قېرىنداشلىرىمىزدىن دىنى مائارىپىمىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئادرېس : سافاكۆي سۇلتان مۇراد تۈرك ئەلى كوچا 27-نومۇر
قىز-ئاياللارنىڭ ئالاقە نومۇرى:
00 90 (537) 574 86 69
ئوغۇللارنىڭ ئالاقە نومۇرى :
0090 (537) 015 27 28


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ