ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تۇرۇشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى خەلقئارالاشتۇرۇش

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-01-06 14:41:23 جەمئى 7837 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تۇرۇشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى خەلقئارالاشتۇرۇش

خىتاينىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تۇرۇشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى خەلقئارالاشتۇرۇش

مەسئۇد ھايون(Massoud Hayoun)

ئەلجەزىرە ئىنگىلىزچە تورى

مۇلاھىزە : خىتاي دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرى 300 نەپەر خىتاي پۇقراسى سۈرىيە ۋە ئىراقتا رادىكال كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى ئاساسلىقى خىتايدىكى مۇسۇلمان  مىللەت بولغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ئىسلام دۆلىتىدە  جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىۋاتقان بىر پەيتتە ، خىتاينىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى .

جۈمە كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى باغداتتا پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى(Financial Times)گە بېيجىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىراق ئارمىيىسىنىڭ  بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى  قوللاش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتنىڭ تەرەققىياتىنى  جەزملەشتۈرگەن .

بۇ ھەربىي ياردەم ئەھدىسى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى خەلقئارالاشتۇرىدىغان پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى  ئۇچۇق ئاشكارە كۆرسىتىپ بەردى .

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىسى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ  دۈشەنبە كۈنىدىكى خەلقئارالىق ئۇقۇرمەنلەرگە قارىتىلغان ئىنگىلىزچە خەۋىرىدە ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ 300 دەك خىتاي پۇقراسىنىڭ ئالتە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىسلام دۆلىتى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ قېتىم جەڭگە كىرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن .

بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق تەپسىلاتلارنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ 11 – سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان بېيجىڭ تەرىپىدىن ئۇيغۇر تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا جەزىملەشتۈرگەن . تەھلىلچىلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ مەجۇتلىقىدىن گۇمانلانغان ، ھەمدە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ تەشكىلات توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىدا يوچۇق بارلىقنى كۆرسەتكەن .

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جىددىي مىللىي ۋەزىيەتنى تىنجىتىش ئۈچۈن بىر باھانە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاكىستان ۋە تەبئىي بايلىقى مول بولغان قازاقىستانغا ئوخشاش قوشنا دۆلەتلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستىراتىگىيىسى ئۈچۈن مۇھىم ، بولۇپمۇ بېييجىڭنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مىليارد سوممىلىق نىفىت ۋە تەبئىي گاز سودىلىرى بۇ رايوندىن ئۆتىدۇ .

بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيبلەنگەن مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلار قانۇن سىرتىدا ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارالماقتا . يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاتالمىش رادىكاللىققا زەربە بېرىش ئۈچۈن بىر قاتار دىنىي چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان . يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ۋە ئەتىراپتىكى باشقا شەھەرلەردە ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشىنى چەكلەشكە ئورۇنغانلىقىنى ئەيىبلىدى .

ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دۆلىتىگە چېتىش ئارقىلىق ، خىتاي ئىزچىل دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپ كەلگەن ئىشنى خەلقئارا سەھنىگە سۆرەپ چىقىدىغاندەك قىلىدۇ ، دېدى ئۆزىىنى سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمىتى دەپ ئاتىۋالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىنىڭ شىۋىتسىيىدىكى پائالىيەتچىسى دىلشات رىشىت . خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى باشقا شىرىكلىرىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى خالىمىسىمۇ باشقا تاللىشى يوق بولۇپ قالىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئورۇنىۋاتقاندەك قىلىدۇ ، دېدى ئۇ تولۇقلاپ .

بۇ بىز 11 – سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۆرگىنىمىزدىن پەرقلەنمەيدىغاندەك قىلىدۇ ، ئۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى ئەلقائىدە خەلقئارالىق ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن چېتىشقا ئورۇنغانىدى .- دېدى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  پىروفېسسورى ، ئۇيغۇر ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى شون روبېرت(Sean Roberts) . - ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ئۇرۇش باشلانغان ۋاقىتتا سابىق جورجى بۇش ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆزلىرى ئاتىۋالغان ئۇيغۇر تېرورىزىمىغا قارشى خىتايغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ، لېكىن تەھلىلچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېرورولۇق تەشكىلاتلىرى توغرىسىدىكى ئىسپاتلىرىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ، ۋاشىنگتون خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى خەپسىزلىك تەھدىتى دەپ قارىغان تەشكىلاتلارغا قاراتقان سۆزلىرىدىن ۋاز كەچتى .

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا قارىتا دەرھال ئىپادە بىلدۈرمىدى .

يېڭىدىن ئوتتۇرغا چىققان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتى بىلەن بىللە جەڭ قىلغانلىقى مەسىلىسىگە قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنىڭ تېخى ئىسپاتلانمىغانلىقىنى ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئېيتقان ئاتالمىش دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارشى خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىششكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى .

دۈشەنبە كۈنى ، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ، قازاقىستان پىرىزدىنتى نۇرسۇلتان نەزەربايوف خىتاينىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى باستۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا خىتايدا يۈزبەرگەن بىر قاتار ئاممىۋىي سورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى قايتا – قايتا بىلدۈردى . بۇ ئەيىبلەش 2013 – يىل ئۆكتەبىردە تيەنئەنمىن مەيدانىدا بەش كىشىنىڭ ئۆلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

رۇسىيە تاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە ، نەزەربايوف بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا ئاۋاز قوشۇپ مۇنداق دېگەن : شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زامانىمىزدىكى بۆلگۈنچىلىك ، تېرورولۇق ۋە رادىكاللىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە قارشى كۈرەش قىلىدۇ . خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە قېرىنداش مۇسۇلمان تۈرك قوشنىلىرىدىن پاناھلىق تىلەپ چىققان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن .

خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى تېخى باشلانمىدى . كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلاشقۇچىلىرى شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك رەقىبلىرى بولغان ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ باغداتقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن . لېكىن بۇ ھەربىي ھەرىكەت ئەھدىسى خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقتەك ئەنئەنىۋىي سىياسىتىدىن چەتنىگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپ ، ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى دىپلوماتىيە چىگىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئارقىلىق خەلقئارالىق ھەمكارلىققا ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، تەھلىلچىلەر بۇنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش قا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .

خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىدىن كېلىدىغان خەلقئارالىق تەھدىتنى دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ، خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن . – دېدى روبېرت .

مەنبە :

http://america.aljazeera.com/articles/2014/12/15/china-isil-uighur.html

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ