ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى قارارى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-05-04 14:01:44 جەمئى 509 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى قارارى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى قارارى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى
1-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1267-نومۇرلۇق ھەيئىتى قارار ماقۇللاپ، پاكىستاندىكى «جەيش مۇھەممەد» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى مەسئۇد ئەزھەرنى تېررورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئون نەچچە يىلدىن بېرى بۇ قارارغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن خىتاي مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ قېتىم قارشى ئاۋاز بەرمىدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇندىن بۇرۇن بۇ تەشكىلاتنى تېررورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپ قېتىم قارار سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قارشى ئاۋاز بېرىپ كەلگەچكە، بۇ قارار ئىزچىل ماقۇللانمىغان ئىدى. ھىندىستانمۇ 2016-يىلىدىن باشلاپ بۇ تەشكىلاتنى تېررورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلەشكەن ئىدى. بۇ قېتىمقى خىتاينىڭ قارارى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كۆپلىگەن ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئانالىزچىلار خىتاينىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى، قوراللىق گۇرۇپپىلارنى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى ئاستىرتتىن قوللاپ كەلگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ، يالغۇز قالغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ بۇ قارار ئارقىلىق ئەھۋالنى ياخشىلىماقچى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭمۇ بۇ قارارغا تەسىرى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامىشى، يەنە بىر تەرەپتىن تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تەشكىلاتلارنى يوشۇرۇن قوللىشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى «نۇمۇسسىزلارچە ساختىپەزلىك» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ