ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك سەپسەتىسىگە رەددىيە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-06-18 15:46:33 جەمئى 4921 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك سەپسەتىسىگە رەددىيە

 

9- ئىيۇن خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان  ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، توغرا ئېتىقادنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوتتۇراھال يول تۇتايلى، دېگەن تېمىدا يىغىن ئاچقاندىن بۇيان، خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىر قىسىم دىنىي زاتلار بىلەن توغرا ئېتىقاد، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ھىجرەت، غازات دېگەن تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بۇرمىلاپ، خىتاي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئوبزور ئېلان قىلىپ كەلدى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ 17- ئىيۇندىكى سانىدا، نەبىجان ئابلىز ۋە ئابدۇرەقىپ تۆمرنىيازدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر دىنىي زات بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت بېرىلگەن. بۇ ئوبزورلاردا، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، ئىتتىپاقلىقنى، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقىلىق، خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىك ناملىرى بېرىلىپ، خاتا، ئازغۇن ئىسلام دىنىغا خىلاپ ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇلار يۇرت – ۋەتەننى سۆيۈش ۋە قوغداشنى كۆپ تەكىتلەپ، كىشىلەرنىڭ ۋەتىنىدە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتىدا بەخىتلىك ياشىشىغا يول قويمىغان دەل خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدۇر. دىنىمىز تىنىچلىق، ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن بۇ تىنىچلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئالدى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇزدى. خىتاي ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپلا قالماستىن يەنە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى ھەم ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزنى قوغداش دەل خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىلەن بولىدۇ.

ئوبزوردا، ئىسلامنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت مۇسۇلمانلار زېمىنىدا زوراۋانلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلار دەل خىتاي كوممۇنىستلىرىدۇر. خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىسلامنىڭ تەلىپى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ