ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لازېر نۇرلۇق مۇداپىئە بازىسى قۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-04 15:56:44 جەمئى 818 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لازېر نۇرلۇق مۇداپىئە بازىسى قۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لازېر نۇرلۇق مۇداپىئە بازىسى قۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سۈنئىي ھەمراھغا قارشى لازېر نۇرلۇق مۇداپىئە بازىسى قۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر بازىسى ھىندىستانلىق سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي مۇتەخەسسىس ۋىياناك بات تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، ئۇ سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتلەر ھەققىدە قىلغان ئانالىزىغا ئاساسەن بۇ بازىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر ئورۇنغا جايلاشقانلىقىنى  بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە مەزكۇر لازېر نۇرلۇق مۇداپىئە بازىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆزىتىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، توسۇپ قويۇش، ھەتتا بۇزۇۋېتىش رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقى،
ئاساسلىقى تاشقى دۇنيانىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كۆزىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەسس قىلىنغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ئاخبارات يولى بىلەن ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن خەلقئارادىكى ئاخباراتچىلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ لاگېرلارنىڭ ئورنىنى بايقىغانلىقى، بۇنى بىلىپ يەتكەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن بايقىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ مۇداپىئە بازىسىنى قۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ