ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ كۆزىتىش سىستېمىسى دۇنياغا كېڭەيمەكتە

خىتاينىڭ كۆزىتىش سىستېمىسى دۇنياغا كېڭەيمەكتە

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 24-ئاپرېل خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە كېڭىيىۋاتقان كۆزىتىش سىستېمىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، كۆزىتىش سىستېمىسى جەھەتتە خىتاي بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ئېكۋادور نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېكۋادور 2011-يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىر دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 4300 دىن ئارتۇق كامېرا ئورنىتىلغان. گەرچە ئېكۋادور ھۆكۈمىتى تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ساقچى باش ئىشتابىغا يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كامېرادا ئېرىشكەن سۈرەتلەرنىڭ ئېكۋادور مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

خىتاي ئېكۋادورغا بىرقەدەر تۆۋەن باھا بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنى تەمىنلەپلا قالماي، يەنە بىر تۈركۈم خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشلەشكە ۋە تېخنىك خادىم تەربىيەلەشكە ئەۋەتكەن.

ئېكۋادور خىتاينىڭ كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خىتاينى نىفىت بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ژۇنالىست رولدوس خانىم بۇ سودىدا بارلىق پايدىنىڭ يەنىلا خىتايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە ئېكۋادور ھۆكۈمىتى مەزكۇر كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما زىيارەتنى قوبۇل قىلغان خەلق ئاممىسى دۆلەت ئىچىدىكى جىنايەت سادىر بولۇش نىسبىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ھەتتا ساقچىلارنىڭ كامېرا ئالدىدا يۈز بەرگەن جىنايى قىلمىشلار بىلەنمۇ كارى بولمىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىقى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ پەقەت تېخنىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى قايسى ساھەلەرگە قوللىنىشنىمۇ ئۆگەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە ئېكۋادوردىكى كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىقى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىككى شىركىتى خۇاۋېي ۋە خىتاي ئېلېكترون ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى(C.E.I.E.C) تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆزبېكىستان، پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كېنىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 18 دۆلەتنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ